باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەللىك زاتلار شى جىنپىڭنىڭ G20 يىغىنىدا قىلغان سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى

2018.12.04 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى بۇينىس-ئايرىستا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە «ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى، چەتئەللىك زاتلار بۇنىڭغا ئىجابىي باھا بەردى.

  نۇرغۇن چەتئەللىك زاتلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدىكى ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقى ۋە شېرىكلىك روھىدا چىڭ تۇرۇش دېگەن بايانلار كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. سۆزدە دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداش، ئېچىۋېتىشچان دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش ھەققىدىكى ئوچۇق سىگنال چىقىرىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىشى مۇراجىئەت قىلىندى.

  ئامېرىكا جۇڭگو-ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ داڭلىق ئالىمى سۇراپ گۇپتا مۇنداق دېدى: غەرب دۇنياسىنى ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى قاپلاپ كەتكەندە جۇڭگو يەنىلا 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسى ئۈچۈن قەتئىي ئېغىشماستىن كۈچ چىقىرىپ، ئېچىۋېتىلگەن كۆپ تەرەپلىك تەرتىپ ئورنىتىش ھەمدە ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا.

  ئارگېنتىنا كاتولىك دىنى داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، ئارگېنتىنا-جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇستو مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىدە 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسى ئاستىدا ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىدەك ئېنىق ھەم كۈچلۈك سىگنال چىقىرىلدى. ھىندونېزىيە ئاقىللار ئامبىرى ئاسىيا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى سۇريونو مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى تارىخنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان كونكرېت تەكلىپلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي، ئىناقلىقتا تەڭ ئۇتۇق قازىنىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى كاشىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش، ئەركىن سودا، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈشنى قوللاش ئاساسىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى. زور كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مەيدانى ئوخشاش، جۇڭگونىڭ مەيدانى كەڭ قوللاشقا ئېرىشتى، جۇڭگو تامامەن توغرا يولنى تاللىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر