باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇمىنىيە دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2018.12.04 09:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇمىنىيە تۈنۈگۈن پايتەخت بۇخارېستتا داغدۇغىلىق ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، رۇمىنىيە زۇڭتۇڭى، ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ باشلىقلىرى، زۇڭلى قاتارلىق مۇھىم سىياسىي ئەربابلار شۇنداقلا ھەر قايسى ئەللەرنىڭ رۇمىنىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى پاراتنى كۆردى.

  شۇ كۈنى، رۇمىنىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرى پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ دۆلەت بايرىمى شۇنداقلا دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  بۇخارېستتا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتقا رۇمىنىيە ئارمىيەسىدىن تەخمىنەن 4000 ئەسكەر، 200 نەچچە ھەربىي ماشىنا، 50 ئايروپىلان قاتناشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا 20 نەچچە دۆلەتنىڭ ئارمىيەلىرىمۇ ھەربىي پاراتقا قاتناشتى.

  1918-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، تىرانسىلۋانىيە كىنەزلىكى رۇمىنىيە پادىشاھلىقى بىلەن بىرلەشكەنلىكىنى جاكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن رۇمىنىيە بىرلىككە كەلگەن مىللىي دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن. 1990-يىلى، رۇمىنىيە بىرلىككە كەلگەن خاتىرە كۈنى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىنى دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر