باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا مېكسىكا كانادا يېڭى سودا كېلىشىمىنى ئىمزالىدى

2018.12.04 09:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا، مېكسىكا، كانادانىڭ رەھبەرلىرى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بوينس ئايرېستا شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۈچۈن، «ئامېرىكا-مېكسىكا-كانادا كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى.

  يېڭى سودا كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئاۋۋال ئۈچ دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى تەستىقلىشى كېرەك. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاۋام پالاتاسىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغاچقا ، كېلىشىم توسالغۇغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى كېلىشىم شىمالىي ئامېرىكا سودىسىغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىكەن. «شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى» يولغا قويۇلغىنىغا 24 يىل بولغان، يېڭى كېلىشىمدا سىپىرلىق ئىقتىساد ھەققىدىكى مەزمۇن كۆپەيتىلىپ، گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي ھالەتنىڭ يېقىنقى تەرەققىيات ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، ئامېرىكىنىڭ يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كانادا بازارلىرىغا تېخىمۇ كۆپ كىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر