باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا يېڭى نۇسخىدىكى سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى، ترامپ: بۇ بەك ياخشى بولدى

2018.12.04 08:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا، مېكسىكا، كانادا رەھبەرلىرى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېستا «شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى»نىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۈچۈن، «ئامېرىكا-مېكسىكا-كانادا كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى.

  يېڭى نۇسخىدىكى سودا كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئاۋۋال ئۈچ دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى تەستىقلىشى كېرەك. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاۋام پالاتاسىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغاچقا، كېلىشىم توسالغۇغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ، كانادا زۇڭتۇڭى ترۇدو، مېكسىكا زۇڭتۇڭى پېنيا نېتو 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئارگېنتىنادا 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقاندا يېڭى كېلىشىمنى ئىمزالىدى. كېلىشىمنىڭ نامى «ئامېرىكا-مېكسىكا-كانادا كېلىشىمى» بولۇپ، 24 يىل يولغا قويۇلغان «شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى»نىڭ ئورنىغا دەسسىتىلدى.

  كېلىشىم ئىمزالاشتىن بۇرۇن ترامپ: بۇ بىر مەيدان كۈرەش، كۈرەش بەزىدە ئۇلۇغ دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش دېدى. ئۇ ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىن: كېلىشىم سۆھبىتى ئۇزاق ھەم جاپالىق بولدى دېدى.

  ترامپ «شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى»نىڭ قىسمەن ماددىسى ئامېرىكىنى «زىيانغا ئۇچرىتىدۇ» دەپ قاراپ، كېلىشىمدىن چېكىنىمىز دەپ تەھدىت سېلىپ، بۇلتۇر 4-ئايدا يېڭىدىن سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  ترۇدو مۇنداق دېدى: يېڭى نۇسخىدىكى كېلىشىم «ئېغىر ئىقتىسادى مۇقىمسىزلىقنىڭ خەتىرىنى تۈگىتىدۇ». ئۇ ئامېرىكىنىڭ كانادانىڭ پولات ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن يۇقىرى تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئالغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ترامپنى چېكىپ بېقىشنى ئۇنتۇمىدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدا زور دەرىجىدە خادىم قىسقارتىش قارارى «ئېغىر زەربە» بولدى دەپ تەنقىد قىلدى.

  11-ئاينىڭ 30-كۈنى مېكسىكا زۇڭتۇڭى پېنيا نېتو ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى. ئۇ: كېلىشىم «يېڭى دەۋرنى باشلايدۇ»دېدى.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى كېلىشىم شىمالىي ئامېرىكا سودىسىغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىكەن. «شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى» يولغا قويۇلغىنىغا 24 يىل بولغان، يېڭى كېلىشىمدە سىپىرلىق ئىقتىساد ھەققىدىكى مەزمۇن كۆپەيتىلىپ، گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي ھالەتنىڭ يېقىنقى تەرەققىيات ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، ئامېرىكىنىڭ يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كانادا بازارلىرىغا تېخىمۇ كۆپ كىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشتى.

  ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش ئاپتوموبىل كەسپىدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. يېڭى نۇسخىدىكى كېلىشىمدە ئاپتوموبىل ياساش سودىگەرلىرىنىڭ ئامېرىكا ياكى كانادا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىلىپ، 40 پىرسەنت ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ سائەتلىك مائاشى 16 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولمىغان رايونلاردا ئىشلەپچىقىرىلىشى تەلەپ قىلىندى، بۇ ئەمگەك تەننەرخى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان مېكىسىكىنى ساقىت قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارغا نۆل تاموژنا بېجى سىياسىتى تەدبىقلايمايدۇ.

  يېڭى نۇسخىدىكى سودا كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۈچ دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشىشى شەرت. ئامېرىكا 11-ئاينىڭ 6-كۈنى پارلامېنتنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى ئۆتكۈزدى، دېموكراتلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشىپ، كېلەر يىلى 1-ئايدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئاۋام پالاتاسىنى كونترول قىلىدۇ.

  دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بۇ كېلىشىمدىن نارازى بولۇپ، كېلىشىمنىڭ ماقۇللىنىش ماقۇللانماسلىقىغا كۆلەڭگۈ پەيدا قىلدى.

  ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ داھىيسى، كېلەر نۆۋەتلىك ئاۋام پالاتاسى باشلىقىنىڭ نامزاتى لوپېز: كېلىشىم «ئىشلىنىۋاتقان خىزمەت»، بۇنىڭغا پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغان ۋاقىت تېخى كەلمىدى دېدى. يېڭى نۇسخىدىكى كېلىشىمگە قارشى تۇرىدىغان دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى: كېلىشىمدە ئىشچىلار ۋە مۇھىت قوغداشقا دائىر مەزمۇنلار كەمچىل دەپ قارىدى.

  جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى دائىرىلىرى پارلامېنتنىڭ كېلىشىمنى ماقۇللىشىغا ئۈمىد بىلەن قارىدى. ترامپ «كېلىشىم ياخشى ئۆزگەرتىلىپتۇ، مېنىڭچە چوڭ مەسىلە يوق»دېدى.

  ئامېرىكىنىڭ سودا ۋەكىلى لايتېس مۇنداق دېدى: سۆھبەت قايتا باشلانغاندا يېڭى نۇسخىدىكى كېلىشىم جۇمھۇرىيەتچىلەر، دېموكراتلار پارتىيەلىرىنىڭ پىكىرىگە ۋەكىللىك قىلغان، مېنىڭچە دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بىزنى قوللايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر