باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە يوق

2018.12.04 08:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان مۇھىم پەيت-شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى كۈچتە، جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئارگېنتىنانىڭ بۇئېنوس ئايرېستا ئۇچرىشىپ، ئىقتىساد-سودىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، تاموژنا بېجىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق سودا چەكلىمىسى تەدبىرلىرىنى توختىتىشنى قارار قىلدى. بۇ شۈبھىسىزكى، دۇنيادىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلەرنى ۋاقتىنچە ئارام تاپقۇزدى، يەنە كىشىلەرنى ئىككى تەرەپنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش سەمىمىيىتى بولسىلا، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە يوقلىقىغا قەتئىي ئىشەندۈردى.

  جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇھىم پەيتتە تۇرماقتا، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش بۇ يىل 3-ئايدا ئىككى تەرەپنىڭ سودا سۈركىلىشى ئۈزلۈكسىز ئەۋجىگە چىققاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىككى قېتىم تېلېفونلاشقاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم يۈر تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى تەرەپ تاموژنا بېجىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق سودا چەكلىمىسى تەدبىرلىرىنى توختىتىشنى قارار قىلدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى تاموژنا بېجى نىسبىتىنى يەنە ئۆستۈرمەيدىغانلىقىدىن، باشقا مەھسۇلاتلاردىنمۇ تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش تەدبىرلىرىنى يەنە قوللانمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئىجابىي سىگنال جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سودا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا روھىي ھالەت ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يىل ئەتىيازدىن قىشقىچە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئىقتىساد سودا سۈركىلىشى سەككىز ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشتى. ئارىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ ئامېرىكا لەۋزىدە تۇرمىدى، بولۇپمۇ يېقىندا ئامېرىكا ئوخشىمىغان سادا چىقىرىپ، سىرتتىكىلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىدى. بۇ قېتىم جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بۇئېنوس ئايرېستا ئۇچرىشىشنى تاللىدى، ئىجابىي روھىي ھالەت سىرتنى مەسىلىنى بالدۇرراق ھەل قىلىش تاڭ نۇرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە قىلدى.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سودا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ئاچقۇچى-ھەرىكەتتە. تىنچ ئوكياندىن تارتىپ ئاتلانتىك ئوكيانغىچە، ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق كېڭىشىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا پىكىرلىشىش جەريانىدا بىر-بىرىنى بىلدى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە توپلىدى. جۇڭگو ئىختىلاپلارغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇداپىئە ھالىتىدىن ھۇجۇم ھالىتىگە ئۆتۈپ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنىڭ چېكىنى قەتئىي قوغداش ئاساسىدا مۇۋاپىق پەيتتە قارشى تەدبىر قوللاندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى، بۇنداق تەمكىن تاقابىل تۇرۇش ئەقىل-پاراسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  ھەر بىر دەۋردە ئۆزىگە خاس مەسىلە مەۋجۇت بولىدۇ. مەسىلىنىڭ ئۆزى قورقۇنۇچلۇق ئەمەس، مۇھىمى مەسىلىنى توغرا ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سودا سۈركىلىشىنىڭ يەنىمۇ ئەۋجىگە چىقىشىنىڭ «تورمۇزى» بېسىلدى، بىراق جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ھەجىمى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئويلاشقاندا، مەسىلىنى ماھىيەتلىك ھەل قىلىشتا چۇقۇم ۋەزىپە ئېغىر يول يىراق. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تەستە قولغا كەلگەن بۇ بىر مۇھىم قەدەمنى قەدىرلەپ، تېخىمۇ تەمكىن، سالماق روھىي ھالەتتە پائال تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ئۆمەكلىرى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، بۇ يىلدىن تارتىپ قوشۇلغان تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنى تېزدىن نورمال يولغا قايتۇرۇپ، تەڭ مەنپەئەتلىنىشكە تۈرتكە بولۇشقا تۇتۇش قىلدى.

  جۇڭگوغا نىسبەتەن، سىرتتا قانداق ئۆزگىرىش بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، مۇھىمى يەنە بېكىتىلگەن رىتىم بويىچە ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىشى كېرەك. جۇڭگو ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئىمپورتنى كېڭەيتىش ھەققىدە ئۈزلۈكسىز سىگنال چىقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ سودا جەھەتتىكى بىر قىسىم كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى، بۇ تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ پايدىسىدىن ھەمبەھىرلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، تېخىمۇ كەڭ قۇرساق بولۇش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشنىڭ بېشىدىلا «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇھىم تەسىرگە ئىگە چوڭ دۆلەتلەر، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئالغان، ھەمكارلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى» دېگەن سۆزلەرنى قىلدى، ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 40 يىل بولاي دېگەن تارىخىي پەيتتە، ئىككى تەرەپ تەڭ تىرىشىپ، توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، بىربىرىگە ئىشىنىپ، ئوخشاش يۆنىلىشكە قاراپ ماڭسىلا، يېتەرلىك ئەقىل-پاراسەت ۋە ۋاقىت بىلەن ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى دولقۇنلارنى يېرىپ ئالغا سىلجىتالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر