باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش پانامانىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق

2018.12.04 08:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇنىڭدىن 160 نەچچە يىل ئىلگىرى، تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگولۇقلار ئولتۇرغان پاراخوت تىنچ ئوكياننىڭ قارشىسىدىكى پاناماغا يېتىپ بېرىپ، ئىككى تەرەپ ئالاقىسىنىڭ يۈز نەچچە يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش مۇساپىسىنى باشلىغان، جۇڭگولۇقلار پانامانىڭ تەرەققىياتىغا مادارىنىڭ يېتىشىچە تۆھپە قوشقان.

  ئىككى ئوكيان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدىن قانال قېزىشقىچە، ئاندىن بۈگۈنكى پانامانىڭ لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ دۇنياغا تۇتىشىدىغان كۆزنىكىگە ئايلىنىشىغىچە بولغان 160 نەچچە يىللىق تارىخىي مۇساپىدە، پانامادىكى جۇڭگولۇقلارنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ.

  ئۇلار بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشتىن تەرەققىي قىلىشقا بولغان بارلىق جەريانىغا گۇۋاھ بولدى، ئۇلار قان-تەرى ئارقىلىق بۇ كۆپ خىل مىللىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشتى.

  پانامادا تۇرغىلى بەش ئەۋلاد بولغان خۇلىئو چيۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى پانامادا تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئائىلىلىرىنىڭ ياقا يۇرتلاردا تىرىشىپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر كارتىنىسى.

  خۇلىئو چيۇ پانامادىكى داڭلىق خەلقئارا مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى، پاناما داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، شۇنداقلا كەسپىي دىپلومات. ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا پانامانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئومار توررىخوسنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى مەسلىھەتچىسى بولغان، پانامانىڭ قانالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ئالاقىدار دىپلوماتىيە سۆھبىتىگە قاتناشقان.

  ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بوۋام 1880-يىلى جۇڭگونىڭ خۇنەندىن پاناماغا تىرىكچىلىك قىلغىلى كەلگەنكەن، دەسلەپتە ئۇ كەپتەر باققان، چارۋىچىلىق قىلغانىكەن. بوۋام بىلەن مومام 10 پەرزەنتلىك بولغان، كېيىن ئۇلار بىر قانچىسىنى جۇڭگوغا ئەۋەتىۋەتكەن، لېكىن ئۇلارنىڭ بىر قىسمى يەنە پاناماغا قايتىپ كەلگەن، ئۇلار پانامانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ئوخشىمىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان.

  خۇلىئو چيۇنىڭ دادىسى كارلوس چيۇ 1926-يىلى گۇاڭدۇڭدىن پاناماغا كەلگەن، ھەمدە پانامانىڭ غەربىدىكى كوكېلې ئۆلكىسىنىڭ ئادۇرسې شەھىرى ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان، خۇلىئو چيۇ: دەسلەپتە ئاتا-ئانام توپ تارقىتىش ۋە پارچە سېتىش سودىسى قىلغان، دېدى.

  ئارقىدىن خۇلىئو چيۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى پاناما شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان، دادىسى باشتا قانال شىركىتىدە بىر خىزمەت تاپقان، كېيىن ئۆزى ئىگىلىك تىكلەپ مېتال دۇكىنى ۋە تاللا بازىرى ئاچقان.

  خۇلىئو چيۇ ياش ۋاقتىدا پاناما دۆلەت داشۆسىدە خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپىدە ئوقۇغىغان، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن گوللاندىيەنىڭ گائاگا سوتسىيولوگىيە خەلقئارا شۆيۈەنىدە سوتسىيولىيەگە ئاسپىرانتى بولغان. ئۇ: ئىنتىزامغا بوي سۇنۇش، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش، ئىرادىلىك، ئۈمىدۋار بولۇش، ۋەتەننى سۆيۈش ئائىلىمىز ئىزچىل بوي سۇنۇپ كەلگەن ئەخلاق ئۆلچىمى، شۇنداقلا بۈگۈنكى نەتىجىگە ئېرىشىشىمدىكى ئىجابىي ئامىل، دېدى.

  بۇنىڭدىن 160 نەچچە يىل ئىلگىرى، تۇنجى تۈركۈمدىكى جۇڭگولۇقلار ئولتۇرغان پاراخوت تىنچ ئوكياننىڭ قارشىسىدىكى پاناماغا يېتىپ بېرىپ، ئىككى تەرەپ ئالاقىسىنىڭ يۈز نەچچە يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش مۇساپىسىنى باشلىغان. ھازىر، پانامادىكى جۇڭگولۇقلار-جۇڭگو مۇھاجىرلىرى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەڭ چوڭ جۇڭگو مۇھاجىرلىرى رايونلىرىنىڭ بىرى.

  يۇرتنى تاشلاپ ياقا يۇرتقا تىرىكچىلىك قىلغىلى بېرىشتىن، نەچچە ئەۋلادلىق بولۇپ، شۇ يەرنىڭ ئاساسلىق جەمئىيىتىگە سىڭىشقىچە، خۇلىئو چيۇ جەمەتىدىن دوختۇر، ئەسكەر، دىپلومات قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلار چىقىپ، پانامانىڭ تەرەققىياتىغا مادارىنىڭ يېتىشىچە تۆھپە قوشتى.

  خۇلىئو چيۇ مۇنداق دېدى: جەمەتىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پاناما پۇقراسى بولسىمۇ، لېكىن بىز يەنىلا ئەجدادلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز، ئۇلار يىراق، تارىخى ئۇزۇن تۇپراق جۇڭگودىن كەلگەن، بىز جۇڭگونىڭ قەدىمىي پەلسەپەسى ۋە پاراسىتىگە ئاپىرىن ئېيتىمىز، جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى ۋە تىنچلىق، تەرەققىياتنى قەدىرلەشتەك دۇنياۋى نەزەر دائىرىسىگە قايىلمىز.

  ئۇ ئاخىرىدا: ئىشىنىمەنكى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش پانامانىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق، چۈنكى بۇ يەر دېڭىزدىكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر