- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«مانىلا ئاخباراتى» تاراتقۇسىدىكى ئەربابلار: شى جىنپىڭنىڭ ماقالىسى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ
2018.11.20 16:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
فىلىپپىندىكى نۇرغۇن ئاساسلىق تاراتقۇلار يېقىندا مۇھىم سەھىپىلىرىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. «مانىلا ئاخباراتى» تاراتقۇسىدىكى ئەربابلار: شى جىنپىڭنىڭ ماقالىسى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، دېدى.
«مانىلا ئاخبارات»نىڭ خەۋەر تەھرىرى ئىشابىر مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىنى ئوقۇدۇم، مېنى تەسىرلەندۈرگىنى، ئۇ فىلىپىنلىق قەدىناس دوستىغا سۆز قىلغاندەك، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى، ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىگە ئىشىنىشى شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.
ئىشابىر مۇنداق دېدى: ئىمزالىق ماقالىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى قاتارلىق مەزمۇنلار تىلغا ئېلىندى، بۇ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇترىت ئوتتۇرىغا قويغان «چوڭ قۇرۇش، ئالاھىدە قۇرۇش» پىلانى بىلەن ماس كېلىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىشى ناھايىتى مۇھىم.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر