باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى:خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا سەۋرچان بولۇش كېرەك

2018.11.16 15:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە مەركىزىي بانكىسى گېرمانىيە فېدېراتسىيە بانكىسى مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزاسى بالتس 11-ئاينىڭ 14-كۈنى فىرانكفورتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمىنىڭ روشەن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش مۇساپىسىگە پائال قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر بۇ مۇساپىگە قارىتا سەۋرچان، قەتئىي ئىرادىلىك بولۇشى كېرەك.

  بالتس مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن سالمىقىغا سېلىشتۇرغاندا خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارادا چىقىم قىلىنىش، ئىشلىتىلىش سالمىقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن، ئەمما خەلق پۇلى خەلقئارا چىقىم سىستېمىسىدا يەنىلا ئۈستۈن ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بالتس مۇنداق دەپ قارىدى: خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ھەققىدە بىرقاتار تەدبىرلەرنى جاكارلىشى بولۇپمۇ كاپىتال بازىرىنى يەنىمۇ ئېچىۋېتىشى مۇھىم بىر ئىلگىرىلەش، خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىگە سەۋرچان بولۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر