- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىنىڭ سودا سانائەت مىنىستىرى: جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىمىز
2018.11.16 15:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىنىڭ سودا ۋە سانائەت مىنىستىرى مورى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى يۈرۈشلۈك يىغىنى ئېچىلغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىنىڭ كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مورى تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشنى قارشى ئالىدىغانلىقى شۇنداقلا پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن جۇڭگونىڭ سودا ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مورى پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىنىڭ بۇ يىل 6-ئايدا بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىغا كىرگەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سودا ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ھەمكارلىق لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مورى مۇنداق دېدى: پاپۇئا يېڭى گىۋېنىيەسىنىڭ دۆلەتلىك تەتقىقات ئاكادېمىيەسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا ھەرقايسى ساھەلەردىن تۈرتكە بولۇش ئۈمىدىدە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى ۋە سىياسىتىنى تەتقىق قىلماقتا.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر