باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش جەريانىدا توسالغۇلارغا يولۇقتى

2018.11.16 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنداق دېدى : ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشتا دەسلەپكى قەدەمدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى ؛ ئەنگلىيە كابىنېتى مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنى ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىنى مۇزاكىرە قىلدى. تېرىسا ماي ئىشخانىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ ، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ « ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش » توغرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ نۇسخىسى لايىھەسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى ئېلان قىلمىدى . نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، كېلىشىم نۇسخىسى نەچچە يۈز بەت بولۇپ، كابىنېت ئەزالىرى ئالاھىدە يىغىندىن بۇرۇن تېكىستىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىدىكەن.

  ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش توغرىسىدىكى سۆھبەت داۋاملاشقىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى . يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ قىزىق نۇقتىسى ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي ئىرېلاندىيە رايونى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت ئىرېلاندىيە بىلەن بولغان چېگرا ئىشىغا مەركەزلەشتى.

  ئەنگلىيە كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلىدۇ . ئەنگلىيە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئىرېلاندىيە ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن شىمالىي ئىرېلاندىيە رايونى بىلەن ئىرېلاندىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمەلىي گەۋدىلىك چېگرا تاموژنىسى تەكشۈرۈش ئەسلىھەسىنى تەسىس قىلىش ، يەنى مۇقىم چېگرا بەلگىلەشكە قوشۇلدى ، ئەمما ئىككى تەرەپ مۇقىم چېگرانىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قانداق ساقلاشتا ئۇزۇنغىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى.

  ئىرېلاندىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 13 -كۈنى خەۋەردار ئەربابنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: كېلىشىم تولۇقلاش لايىھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، يەنى ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەگەر 2020- يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئۆتكۈنچى مەزگىلى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن سودا ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا پۈتۈشەلمىسە، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋاقىتلىق تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىنى ساقلاشقا قوشۇلۇپ، شىمالىي ئىرېلاندىيە بىلەن ئىرېلاندىيە ئوتتۇرىسىدا « مۇقىم چېگرا تەسىس قىلماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ ؛ ئىككى تەرەپ تولۇقلىما لايىھەنى قاچان توختىتىشنى قارار قىلىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش مېخانىزمى تەسىس قىلىشقا قوشۇلدى.

  تولۇقلىما لايىھە تەسەۋۋۇرى ئەنگلىيەدە قارشىلىققا ئۇچرىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ۋاقىتلىق تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى توختىتىش مەزگىلىنى تەسىس قىلماي ، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا مەڭگۈ تۇرۇپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلدى. تەكشۈرۈش مېخانىزمى تەسىس قىلىش بەلكىم بۇ خىل ئەندىشىنى پەسەيتىشى مۇمكىن.

  ئەنگلىيە 2016- يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنى قارار قىلغان، ئاۋاز بېرىشتە % 52 كىشى بۇنى قوللىغان % 48 كىشى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا داۋاملىق قىلىشنى قوللىغان.

  كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن ، ئەنگلىيە كابېنتتىكىلەر مۇشۇ ئاينىڭ 14 - كۈنى ئالاھىدە يىغىن ئاچتى ؛ ئىرېلاندىيە كابىنېتى شۇ كۈنى يىغىن ئاچتى ؛ ئەنگلىيەدىن باشقا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت ۋەكىللىرى ئوخشاشلا شۇ كۈنى ئۇچراشتى.

  ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشتىن بۇرۇن ، ئەنگلىيە پارلامېنتى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئايرىم ئايرىم ھالدا بۇ كېلىشىمنى تەستىقلايدۇ. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: كېلىشىم ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئەڭ قاتتىق سىناقلارغا يولۇقۇشى مۇمكىنكەن.

  ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ، تېرىسا ماي دۆلەت ئىچىدە ئىزچىل قارشىلىققا ئۇچرىغان، بولۇپمۇ ئۇ قاراشلىق كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئىچىدىكى ياۋروپا ئېقىمىدىن گۇمان قىلىدىغانلار ،ئۇنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بەك كۆپ مۇرەسسەلىشىپ كەتتى دەپ ھېسابلىغان.

  كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ، سابىق دىپلوماتىيە ۋەزىرى بورىس جونسون مۇشۇ ئاينىڭ13 -كۈنى تېرىسا ماي ئەنگلىيەگە خائىنلىق قىلدى دېدى، ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىگە قارشى تۇردى. كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ يەنە بىر ئەزاسى ھۆكۈمەت سۆھبەتتە مەغلۇپ بولدى، كېلىشىم ئەنگلىيەنى پارچىلىدى دېدى.

  كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقدىشى، شىمالىي ئىرېلاندىيە دېموكراتىك بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇنداق دېدى: كېلىشىم نۇسخىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن قانداق قارار چىقىرىشنى بېكىتىش كېرەك. مەن كېلىشىمنى يولغا قويۇش ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ دەپ ھېسابلايمەن . دېموكراتىك بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيەسىنىڭ بىر باياناتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ پارتىيە ئىلگىرى تېرىسا ماينى ، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بەكلا يېقىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان، شۇڭا پارتىيە مەيدانى بىلەن كېلىشىمگە قارشى تۇرۇش ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس.

  يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئاز دېگەندە بەش نەپەر كابىنېت ئەزاسى كېلىشىمنى قوللىغان.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كۆپلىگەن دىپلوماتلار رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا، ئەگەر ئەنگلىيە كابىنېتى، كېلىشىمنى تەستىقلىسا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى ئېچىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر