باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

«بوغما يىلان» مانېۋىرىنىڭ مەقسىتى زادى نېمە؟

2018.11.15 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «بوغما يىلان 2018» ھەربىي مانېۋىرى يېقىندا پولشادا باشلاندى. بۇ ھەربىي مانېۋىر ئەمدىلا نورۋېگىيەدە ئاياغلاشقان «ئۈچ ئاچىلىق كەپشەرلەش نۇقتىسى» ھەربىي مانىۋېرىدىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوشنىسى رۇسىيەنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدىكى سەزگۈر رايوندا ئېلىپ بارغان يەنە بىر قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي كۈچنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، رۇسىيەنى قورقۇتۇش بېسىمىدىن باشقا، بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىردا يەنە پولشا ۋە بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەتكە ئەسكەرنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئىزدىنىلدى.

  بۇ قېتىمقى «بوغما يىلان» ھەربىي مانېۋىرى تۇنجى قېتىم ئېپوپىيە، لىتۋا ۋە لاتۋىيە قاتارلىق بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەتكە كېڭەيتىلدى. مانېۋىر رايونى پولشا ۋە بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەربىي مەشىق مەيدانى، خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقى ۋە بالتىق دېڭىزى سۇ ساھىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

  شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ قېتىمقى مانېۋىر رۇسىيەنىڭ غەربىي شىمال قۇرۇقلۇقى ۋە دېڭىز ئۈستى مەركىزىگە قارىتىلغان بولۇپ، «ئۈچ ئاچىلىق كەپشەرلەش نۇقتىسى» ھەربىي مانىۋېرىدىن تېخىمۇ سەزگۈر.

  بۇ قېتىمقى «بوغما يىلان» ھەربىي مانېۋىرىغا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 10 دۆلەت ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق ئاپپاراتىدىكى نەچچە ئون مىڭ ئەسكەر قاتناشتى. 5000 دىن ئارتۇق تۈرلۈك تىپلىق جابدۇق ئىشقا سېلىندى، بۇ 45 پاراخوت، 150 ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆلىمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئېشىپ كەتتى.

  بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر بىر ئاي داۋاملىشىدۇ، 11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە ئەمەلىي ئەسكەر مەشىقى، 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە قوماندانلىق ئىشتابى مانىۋېرىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. مانېۋىردا ھەربىي قوماندانلىق ئاپپاراتى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى نۇقتىلىق مەشىق قىلىنىدۇ.

  پولشا تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرنىڭ مەقسىتى بىرلەشمە قىسىمنىڭ دائىملىق ۋە ئارىلاشما قورقۇتۇش شارائىتى ئاستىدا ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلىش. ھەربىي ئىشلار مۇلاھىزىچىسى خۇ ۋېنخەن مۇنداق دەپ قارىدى: مانېۋىرنىڭ كۆلىمى ۋە مەزمۇنىدىن قارىغاندا، «بوغما يىلان» مانېۋىرى ئوت كۈچىنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىش قاتارلىق ھۇجۇم خاراكتېرلىك ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، ئۇ بىر مەيدان ئاددىيغىنە مۇداپىئەلىنىش مانېۋىرى ئەمەس.

  ئۆتكەن بىر ئايدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنا«ئوچۇق ئاسمان» ھاۋا ئۇرۇشى مانېۋىرى، ئەنگلىيە ھاۋا ئۇرۇشى مانېۋىرى ھەمدە «ئۈچ ئاچىلىق كەپشەرلەش نۇقتىسى» ھەربىي مانېۋىرىنى كەينى كەينىدىن ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى «بوغما يىلان» ھەربىي مانېۋىرىغا ئاساسلىق قاتناشقۇچى دۆلەتلەر پولشا ۋە بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەت بولۇپ، تارىختا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي يۆنىلىشتىكى قۇرۇقلۇق دېڭىز توسىقى، «شىمالىي قىسىم پايتەختى» سانتپېتىربۇرگ ۋە گالىنىنگىرادتىن ئىبارەت ئىككى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جايغا يېقىن، رۇسىيە بۇنىڭدىن ئىنتايىن نارازى بولۇپ كەلدى.

  «ئۈچ ئاچىلىق كەپشەرلەش نۇقتىسى» ھەربىي مانېۋىرى مەزگىلىدە، رۇسىيەنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى تۇ-160 تىپلىق ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى ھەربىي مانېۋىر رايونىدا ئۇزاق مەزگىل ئۇچۇپ، نورۋېگىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئىز قوغلىشىشىغا ئۇچرىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كۈچلۈك ئەسكەر كۈچى بىلەن يەنە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئىستراتېگىيەلىك قورقۇتۇش مۇددىئاسى روشەنلەشكەن.

  خۇ ۋېنخەن مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەسكەر كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاش توغرىسىدىكى بىر قېتىملىق ئىزدىنىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى بولغان پولشا ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىپ، كۆپ قېتىم ئۆزى مەبلەغ ئاجرىتىپ دۆلەت ئىچىدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنى مەڭگۈلۈك تۇرغۇزۇش بازىسى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، ئەمما، بۇ رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. پولشا زۇڭتۇڭى دۇدار بۇ يىل 9-ئايدا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ پولشادا مەڭگۈلۈك ھەربىي ئىشلار بازىسى تەسىس قىلىشنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويغان، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بۇ تەكلىپنى«ئەستايىدىل ئويلىشىمىز» دېگەن. يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، ئامېرىكا «بوغما يىلان» ھەربىي مانېۋىرىنى پۇرسەت بىلىپ، پولشادا ئارمىيە تۇرغۇزۇشنىڭ «يولغا قويۇشقا بولىدىغان لايىھەسى» ئۈستىدە ئىزدىنىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن تەڭ بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەتتە ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى «بوغما يىلان» ھەربىي مانىۋېرىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى سىرتقا ئېلان قىلىنمىغان مەزمۇندىكى مەشىق تېمىلىرىنى تەييارلىدۇق، دېدى. مانېۋىر مەزگىلىدە مۇشۇ ئارقىلىق رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىنكاسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ۋە ھەربىي ئىشلار قارشى تۇرۇش تۈزۈمىنىڭ كۈچىنى سىناپ كۆرۈپ، كېيىنكى ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتىدە بۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر