11- ئاينىڭ 7- كۈنى، بېلارۇسىيەنىڭ مىنسكىدا، كىشىلەر خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 11- ئاينىڭ 7- كۈنى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ 101 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنى. شۇ كۈنى پۈتكۈل بېلارۇسىيە بويىچە بىر كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى، جايلاردا لېنىننىڭ ھەيكىلىگە گۈل تەقدىم قىلىشتەك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى