باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرانغا قارىتىلغان ئېنېرگىيە ۋە بانكا قاتارلىق ساھەلەردىكى جازاسىنى قايتا يولغا قويدى

2018.11.08 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققاندىن كىيىن، ئىرانغا قارىتىلغان جازانى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى ئىرانغا قارىتىلغان جازانى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

  مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىرانغا قارىتىلغان ئېنېرگىيە ۋە بانكا قاتارلىق ساھەلەردىكى جازاسىنى قايتا يولغا قويدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان جازالاش تەدبىرلىرىنى جاھىللىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى ئامېرىكا - ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئىستىقبالىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىزلىقلارنى ئىلىپ كېلىدۇ.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا: مۇشۇ ئاينىڭ 5 -كۈنى قايتا يولغا قويۇلغان جازالاش تەدبىرلىرى ئىراننىڭ ئېنېرگىيە ، كېمىسازلىق، سۇ تىرانسپورتى ۋە بانكا كەسپى قاتارلىقلارغا قارىتىلغان. ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى مىنۇچىننىڭ ئاشكارىلىشىچە: بۇ نۆۋەت ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئىرانلىق 700 دىن ئارتۇق شەخس ۋە ئەمەلىي گەۋدىنى جازالايدىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كىيىن جازا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئوبيېكتلار ۋە 300 دىن ئارتۇق يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن جازالاش ئوبيېكتى بار ئىكەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ مۇشۇ ئاينىڭ 2 -كۈنى ، 2015 - يىلى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىم ئىمزالانغاندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىرانغا قارىتىلغان بارلىق جازالاش تەدبىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ جازالاش تەدبىرى ئىراننىڭ سۇ تىرانسپورتى ، پۇل مۇئامىلە ۋە ئېنېرگىيە تارماقلىرىنى قاپلىدى . بۇ تىرامپنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغاندىن بۇيان ، ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىراننى جازالاش تەدبىرى .

  تەھلىلدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم جازالىشىدىكى ئەڭ مۇھىم مەقسىتى- ئىراننىڭ خام نېفىت ئېكسپورت پايدىسىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ ، بۇ ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەرىكىتى ۋە تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چەكلەشتىن ئىبارەت .

  ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدىن ئۆز ئالدىغا چېكىنىپ چىقىشى ۋە ئىرانغا قارىتىلغان جازالاش تەدبىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى دەرھال خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى .

  رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە مۇشۇ ئاينىڭ 2 -كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ ، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان نېفىت ۋە بانكا كەسپى قاتارلىقلارنى جازالاش تەدبىرىنى قايتا يولغا قويغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، ھەمدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ۋە ئىراننىڭ بۇ جەھەتتە داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلغان.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا ئىراننى جازالاشنى قايتا باشلىغاندىن كېيىن ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئۈچ دۆلەت ياۋروپا قانۇنلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىش ئاساسىدا ئىران بىلەن سودا ئالاقىسى بار ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ . خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئۈچ دۆلەت ئالاھىدە مەقسەتلىك ئاپپارات قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرمەكتىكەن، بۇنىڭدىن مەقسەت- ئامېرىكىنىڭ جازالىشىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ، ئىران بىلەن بولغان قانۇنلۇق سودا پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىدىن ئىبارەت ئىكەن .

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ ئىراننى جازالىشىغا قارتا ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بايانات ئېلان قىلغان . بۇ يىل 8-ئايدا، ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا ئىرانغا قارىتىلغان قاتتىق جازانى قايتىدىن يولغا قويدى، جازالاش دائىرىسى نېفىت سودىسى ، ئىران پۇلى بىلەن ئالاقىدار سودا ، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى سېتىۋېلىشى قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 6 - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ ، ئىران چېگراسى ئىچىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كارخانىلىرىنى ئامېرىكىنىڭ جازالىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ توسۇش پەرمانىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا كارخانىلىرى يەنىلا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ، ئىران چېگراسى ئىچىدە قانۇنلۇق سودىسى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىدۇ .

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 3 -كۈنى بۇنىڭغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ خىل بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىنى قەتئىي ئەيىبلىدى ،ھەمدە ئامېرىكا تەرەپنى ئىرانغا قارتا قوللانغان جازالىشى ۋە بېسىم ئىشلىتىش سىياسىتىگە دەرھال قايتىدىن قاراپ چىقىشقا دەۋەت قىلدى .

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇ باياناتتا مۇنداق دېدى: ، بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن ئايلىنىپ ئۆتكەن ھەرقانداق بىر تەرەپلىمىلىك جازالاشقا ، بولۇپمۇ بۇ قارارلارنى تېررىتورىيە سىرتىدا يولغا قويۇشقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچىنچى دۆلەت مەنپەئەتىگە چېتىلىشىغا قارشى تۇرۇمىز.

  باياناتتا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى : ئەگەر ئامېرىكا ئىران بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ھەقىقەتەن قىزىقىدىغان بولسا ، ئۇنداقتا ئىراننىڭ ئىقتىسادىي ۋە دۆلەت مۇداپىئە يوشۇرۇن كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ، شۇنداقلا ئىراننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان جازالاش سىياسىتىنى چوقۇم دەرھال تۈزىتىشى كېرەك. ئامېرىكا بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىراننى يول قويۇشقا مەجبۇرلاش غەرىزىگە يېتەلمەيدۇ.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتىدا يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىرانغا قارىتىلغان يېڭى جازالاش تەدبىرىنى قوللىنىشتىن مەقسەت - ئامېرىكا 5 - ئايدا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كېلىشىمنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان تىرىشچانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئىبارەت .

  باياناتتا يەنە ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندىغان خەلقئارا قانۇن ھۆججەتلىرىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا كۈنسېرى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى ھەمدە دۇنيا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ كۈندىن - كۈنگە يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى .

  رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىياكوف مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا مەيلى قانداق باھانىلەر بىلەن باشقا دۆلەتلەرگە ئۆز ئالدىغا جازا يۈرگۈزۈشىدىن قەتئىي نەزەر، رۇسىيە تەرەپ بىردەك ئىنكار قىلىدۇ . ئامېرىكىنىڭ ئىراننى جازالىشى، ۋاشىنگتوننىڭ كۆزىگە سىغمىغانلارنى باستۇرۇشنى توختاتمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى .

  رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندر نوۋاك مۇشۇ ئاينىڭ3- كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئىراننىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى جازالاش تەدبىرىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ . ئۇ مۇنداق دېدى : رۇسىيە ئىران بىلەن داۋاملىق خام نېفىت سودىسى ئېلىپ بارىدۇ . بىز ، بىزنىڭ ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان شېرىكلىرىمىز بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مېخانىزم ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايمىز .

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 5 -كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى : جۇڭگو ئامېرىكا تەرەپنىڭ قارارىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندى ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆز ئالدىغا جازالاش ۋە ئارتۇق ئىشلارغا ئارلىشىۋىلىشىغا ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرغانلىقىغا دىققەت قىلدى. ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۆپ تەرەپلىك كېلىشىمگە ئايلاندى، شۇڭا ئومۇميۈزلۈك ، ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىش كېرەك . بۇ خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىنى قوغداشقا ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ، مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن . ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئومۇملۇقنى ۋە يىراق كەلگۈسىنى چىقىش قىلىپ ، ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ ، تارىخىي توغرا تەرەپتە تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر