باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە دېڭىز ئارمىيە پاراخوت ئەترىتى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ چىڭداۋدىن ئايرىلدى

2018.10.29 16:02         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دېڭىز ئارمىيە پاراخوت ئەترىتى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان فىلوتى سۇ ئاستى ئەسكىرىي كۈچ ئىشتاب باشلىقى Mikhaylov شاۋجاڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، چىڭداۋدىكى بەش كۈنلۈك دوستلۇق زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، چىڭداۋدىكى مەلۇم ھەربىي پورتتىن ئايرىلدى. شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىدىكى 200دىن ئارتۇق ئوفېتسىر-ئەسكەر پورتتا سەپكە تىزىلىپ، ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.

  زىيارەت داۋامىدا، ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئوفېتسىر-ئەسكەرلىرى قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى، پاراخوت زىيىنىنى كونترول قىلىش، جەڭدە يارىلانغانلانى جىددىي قۇتقۇزۇش تۈرلىرى بويىچە مانېۋىر ئۆتكۈزدى، كەسىپ تەرەپلەردە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى، پاراخوت ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيتى ئېلىپ باردى، يەنە ئارغامچا تارتىشىش، پۇتبول مۇسابىقىلىرىمۇ قىزىپ كەتتى. بۇ قېتىملىق زىيارەت داۋامىدا، ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسى ئارىسىدىكى دوستلۇق كۈچىيىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش چوڭقۇرلاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر