باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن ياۋروپا ئەگەر ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى ئورۇنلاشتۇرسا بىز ئۇلارنى نىشانلايمىز دەپ ئاگاھلاندۇردى

2018.10.29 15:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى-ئىنتايىن خەتەرلىك، بۇ رۇسىيەنى ئامېرىكىنىڭ يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنى نىشانلاشقا مەجبۇرلايدۇ.

  پۇتىن ئامېرىكىنىڭ «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دىن چېكىنىپ چىقىپ، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئىمزالىغان «ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى»نىڭ ئىستىقبالىغا خەۋپ يەتكۈزۈشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

  پۇتىن شۇ كۈنى موسكۋادا ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتې بىلەن كۆرۈشتى، ئاندىن كېيىن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئەگەر ئامېرىكا «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دىن چېكىنىپ چىقسا ھەمدە ياۋروپاغا ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان ئېكسپورت قىلسا ياكى ئورۇنلاشتۇرسا، رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن تەڭ تۇرۇش ئۈچۈن «ئىنتايىن تېز، ئۈنۈملۈك» ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر راستتىنلا ئىش بۇ باسقۇچقا يېتىپ بارسا، ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قوشۇلغان ياۋروپا دۆلەتلىرى چوقۇم شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئۇلار بەلكىم ئۆز دۆلىتىنىڭ زېمىنىنى قايتۇرما زەربە بېرىش تەھدىتى ئاستىغا قويۇپ قويۇشى مۇمكىن، بۇ ناھايىتى ئېنىق ئىش.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە بۇ خىل ئەھۋالدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىدۇ، مەن ياۋروپانى بۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشنىڭ قانداق زۆرۈرىيىتى بارلىقىنى چۈشەنمەي قالدىم.

  پۇتىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا رۇسىيە «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»غا خىلاپلىق قىلدى دېگەننى باھانە قىلىپ، بۇ شەرتنامىدىن چېكىنىپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭدا « بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئىسپات يوق»؛ ئەكسىچە ئامېرىكا بۇ شەرتنامىگە خىلاپلىق قىلىپ، رومىنىيەگە قۇرۇقلۇق «زېئوس قالقىنى» باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇردى. پۇتىن بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ كېلەر ئاينىڭ 11-كۈنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى مەزگىلىدە ئۇچراشماقچى بولغان ئىدى. پۇتىن مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا تىرامپ بىلەن ئامېرىكىنىڭ «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى »دىن چېكىنىش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلىمىز.

  پۇتىن ناۋادا ئامېرىكا «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دىن چېكىنىپ چىقسا، ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى كېلىپ چىقىپ، يېڭى نۇسخىدىكى رۇسىيە - ئامېرىكا «ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى» ئىستىقبالىنىڭ خۇنۈكلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى.

  رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا 2010 - يىلى يېڭى نۇسخىدىكى «ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسى»نى ئىمزالىدى، بەلگىلىمە بويىچە، ئىككى تەرەپ يەتتە يىل ئىچىدە ئۆزلىرى ئورۇنلاشتۇرغان يادرو ئوق بېشىنى 1550تىن تۆۋەنگە ئازايتىدۇ، يادرو ئوق بېشى سەپلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان قاتارلىق توشۇش قوراللىرىنى 700دىن تۆۋەنگە ئازايتىدۇ. بۇ شەرتنامىنىڭ مۇددىتى 2021 -يىلى توشىدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپ قوشۇلسا ۋاقىتنى ئۇزارتسا بولىدۇ.

  پۇتىن مۇنداق دېدى : ئەگەر ھەممە «شەرتنامە» بىكار قىلىنسا، ھەربىي ھازىرلىقلارنى چەكلەيدىغان شەرتنامە يوق بولىدۇ، مېنىڭچە، بۇ ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك. بۇنىڭ بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ.

  « ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»نىڭ تولۇق نامى «سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى تۈگىتىش شەرتنامىسى»بولۇپ، 1987 - يىلى شۇ چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رىگان بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى گورباچېۋ ئىمزالىغان، بەلگىلىمە بويىچە ئىككى تەرەپ ئېتىش مۇساپىسى 500 ~ 5500 كىلومېتىر ئارىقىدىكى، يادرو قوراللىرىنى توشۇغۇچى ۋاسىتە بولغان قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قايتا ساقلىمايدۇ، ئىشلەپچىقارمايدۇ ياكى سىناق قىلمايدۇ.

  « ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»- «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي كېلىشىم» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قارشى تەرەپنى بۇ شەرتنامىگە خىلاپلىق قىلدى،دەپ كۆپ قېتىم ئەيىبلىدى.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مۇشۇ ئاينىڭ 25 - كۈنى نورۋېگىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى، بۇ ھەربىي سىياسىي گۇرۇھنىڭ 1991 - يىلى « سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرى دەپ ئاتالدى. تەخمىنەن 50 مىڭ ئەسكەر، 250 ھەربىي ئايروپىلان، 60 نەچچە ھەربىي پاراخوت ۋە 10 مىڭ ھەربىي ماشىنا مانېۋىرغا قاتناشتى.

  رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ 10-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيە چېگراسى ئەتراپىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، بۇنىڭدىن مەقسەت- شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى شەرققە كېڭىيىپ، «يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەربىي مەۋجۇتلۇقى»نى ساقلىماقچى. رۇسىيە رۇسىيەنىڭ غەربىي چېگراسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

  شويگۇ يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەرقىي ياۋروپا دۆلىتى پولشانىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنى مەڭگۈلۈك تۇرغۇزۇش خىيالى رايون مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۇلار رۇسىيەنىڭ ئىنكاسىغا دۇچ كېلىدۇ.

  پولشا 1999-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىپ، ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ يېقىن خەۋپسىزلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلدى، بۇندىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم چېگراسى ئىچىدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مەڭگۈلۈك بازىسىنى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى، ھازىرقى باسقۇچتا 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىگە مەڭگۈلۈك ھەربىي بازا قۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ تىرامپ 9-ئايدا مۇنداق دېدى: پولشانىڭ رۇسىيەنىڭ «كېڭەيمىچىلىك»ىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ، قوشۇن تۇرغۇزۇش تەكلىپىنى قاتتىق ئويلىشىۋاتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر