- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ب د ت نىڭ ئەمەلدارى: ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئۇزاق مۇددەت تىنچ بولۇش ئاساسىنى ھازىرلىدى، دېدى
2018.10.25 17:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقا مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى ئولەنگا ئەنياڭگا 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئۇزاق مۇددەت تىنچ بولۇش ئاساسىنى ھازىرلىدى، دېدى.
ئۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ۋەزىيىتىنى مەلۇم قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئۈزلۈكسىز خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ دۆلەت ئۇزاق مۇددەت تىنچ بولۇشنىڭ زۆرۈر ئاساسىنى ھازىرلىدى، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، يەنە رايوندىكى دۆلەت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ داۋاملىق قوللىشىغا ئېرىشسىلا، ئۇزاق مۇددەت تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئۇ: ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كونترول قىلىندى، ئاساسى قانۇن تەرتىپىمۇ ئەسلىگە كەلدى، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى پۈتۈن مەملىكەتكە پەيدىنپەي كېڭەيمەكتە، دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر