خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 6- كۈنى، كورېيە سىئولدا، كورېيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى لى ميۇڭباك (سولدا) سېئۇل مەركىزى يەرلىك سوت مەھكىمىسىگە يېتىپ باردى.
كورېيە سېئۇل مەركىزى يەرلىك سوت مەھكىمىسى 6- چېسلا سابىق زۇڭتۇڭلى ميۇڭباكنىڭ پارىخورلۇق دېلوسى ئۈستىدىن ئاخىرقى سوت ئاچتى. تەپتىش تەرەپ سوت مەھكىمىسىگە لى ميۇڭباكنى 20 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش، 15 مىليارد ۋون ئىشتىراف قويۇش، ھەمدە 11 مىليارد 100 مىليون ۋونلۇق ئىشترافنى سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىشنى ئىلتىماس قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى