باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا پارلامېنتى دۇنباس مەسىلىسىگە ئالاقىدار دۆلەت سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

2018.01.19 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا پارلامېنتى 18-يانۋار دۇنباس مەسىلىسىگە ئالاقىدار دۆلەت سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەل ئىچى قوراللىق تەشكىلاتلىرى كونترول قىلىپ تۇرغان دۇنىستىك ئوبلاستى بىلەن لوگەنىسىك ئوبلاستىنىڭ بىر قىسىم رايونىنى ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىنغان رايون دەپ بېكىتتى.

  ئۇكرائىنا پارلامېنتىنىڭ تور بېكىتىدە 18-يانۋار ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: شۇ كۈنى پارلامېنت ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ماقۇللىغان دۇنباس مەسىلىسى دۆلەت سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىگە يەنە زۇڭتۇڭ قول قويىدۇ، ھەمدە رەسمىي ھۆججەت ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

  بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئەل ئىچى قوراللىق كۈچلەر كونترول قىلىپ تۇرغان رايون ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىۋېلىنغان رايون دەپ بېكىتىلدى رۇسىيە تاجاۋۇزچى دەپ قارالدى، ھەمدە ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭىغا ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىۋېلىنغان رايوندا قۇرال كۈچى ئىشلىتىپ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇش ھوقۇقى بېرىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر