باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە ئۆتكەن يىلدىكى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى توغرىسىدا ئىيوردانىيەدىن رەسمىي ئەپۇ سورىدى

2018.01.19 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتى 18-يانۋار مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى توغرىسىدا ئىيوردانىيەدىن رەسمىي ئەپۇ سورىدى.

  ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى مومانى 18-يانۋار كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئىيوردانىيە تەرەپكە رەسمىي نوتا تاپشۇرۇپ، ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى توغرىسىدا ئەپۇ سورىدى، ھەمدە قازا قىلغان ئىككى كىشىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇندىن باشقا، ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇ ۋەقەنى داۋاملىق ئەدلىيە جەھەتتىن تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.مومانى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈردى، بۇ ۋەقەنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكىنى ئۈمىد قىلدى. ئەگەر كەلگۈسىدە ئىسرائىلىيە تەرەپ ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دېلونى تەل توكۇس تەكشۈرۈش، قاتىلنى قانۇن تورىغا ئىلىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى قاندۇرىدىغان بولسا، ئىيوردانىيە تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە قايتىدىن باھا بېرىدۇ، ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى قايتىدىن ئىچىشنى ئويلىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر