باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن-كورېيە ئىككى تەرەپ چاۋشيەننىڭ پيوڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى ھەققىدىكى ئىشلاردا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

2018.01.18 17:07   مەنبە: خەلق تورى

چاۋشيەن-كورېيە ئىككى تەرەپ چاۋشيەننىڭ پيوڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى ھەققىدىكى ئىشلاردا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، پانمۇنجومنىڭ كورېيە تەرىپىدىكى «تىنچلىق ئائىلىسى» زالىدا، كورېيە- چاۋشيەن ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى سۆھبەتتىن بۇرۇن تىنچ-ئامانلىق سوراشماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن-كورېيە ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى پانمۇنجومنىڭ كورېيە تەرىپىدىكى «تىنچلىق ئائىلىسى» زالىدا، چاۋشيەن تەرەپ ئەۋەتكەن ئۆمەك بىلەن پيوڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا ئالاقىدار ئىشلار ئۈستىدە مۇئاۋىن ئەمەلدار دەرىجىلىك (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك) ئەمەلىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەمدە كۆپ تۈرلۈك ئىشلاردا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

  ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئورتاق خەۋەر ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشيەن-كورېيە ئىككى تەرەپنىڭ پيوڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا «چاۋشيەن يېرىم ئارىلى بايرىقى»نى كۆتۈرۈپ مەيدانغا بىللە كىرىدۇ. چاۋشيەن بىلەن كورېيە يەنە ئاياللار مۇز توپ تۈرلىرىدە ئورتاق كوماندا تەشكىللەپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

  چاۋشيەن 230دىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپقان مەدەتچىلەر ئەترىتىنى كورېيەنى زىيارەت قىلىپ، چاۋشيەن- كورېيە پيوڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە چاۋشيەن-كورېيە ماھىرلىرىغا مەدەت بېرىشكە ئەۋەتىدۇ. چاۋشيەن مەدەتچىلەر ئەترىتى يەنە كورېيە تەرەپ مەدەتچىلەر ئەترىتى بىلەن بىللە ماھىرلارغا مەدەت بېرىدۇ. چاۋشىيەن- كورېيە ئىككى تەرەپ ياپونىيەدىكى چاۋشيەنلىكلەر باش بىرلەشمىسى مەدەتچىلەر ئەترىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  چاۋشيەن يەنە 30 ئادەمدىن تەركىب تاپقان تەپمە بوكس ئۈلگە كۆرسىتىش ئۆمىكىنى ئەۋەتىپ، كورېيەنىڭ پيوڭچاڭ ۋە سېئۇلدا تەپمە بوكس ئۈلگە كۆرسىتىش ئويۇنى قويىدۇ، كونكرېت ئويۇن قويۇش كۈن تەرتىپىنى ئىككى تەرەپ داۋاملىق مەسلىھەتلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭدىكى 20 ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلان…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق-پەزىلىتى قىزىل سىزىقىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ، ئۇقۇغۇچىلارغ…
    ·نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكەن يىلى ياردەم بېرىلگەن ئوقۇغۇچى480 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتتى
    ·قازاقىستاننىڭ پولات-تۆمۈر شەھىرىدە «قارا قار» ياغدى
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرستىكى) مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ت…
    ·مائارىپتىكى كەمتۈكلۈك تولۇقلىنىدۇ: يىل ئاخىرىغىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 66 دىن كۆپ ئوقۇغۇ…
    ·بۇ يىل يەسلى مائارىپى مۇنداق بولىدۇ (سىياسەت يەشمىسى . دىققەتنى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا، دەردىگە مۇجەسسە…
    ·چىرا ناھىيەسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 130 ئوقۇغۇچىغا 780 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقاتتى
    ·شىئەندە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەنتەربىيە دەرسلىكى ھەپتىدە تۆت سائەتكە تەڭشەلدى
    ·شىنجاڭدا 2018-يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانى تەسىس قىلىنمايدۇ