باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يېڭى يىللىق تۇنجى مۇخبىرلار يىغىنىدا ئابې شىنزو ئاساسىي قانۇن تۈزۈتىلمىسىگە تۈرتكە بولۇشنى قايتا تىلغا ئالدى

2018.01.05 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىسې شەھىرىدە يېڭى يىللىق تۇنجى مۇخبىرلار يىغىنى ئېچىپ، 2018-يىللىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى سىياسىتى دىپلوماتىيەسىنىڭ تۈپ يولغا قويۇش فاڭجېنلىرىنى تونۇشتۇردى. مۇخبىرلار يىغىنىدا ئابې شىنزو پارلامېنتنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈتىلمىسىنى بالدۇرراق قوزغىتىش تەكلىپى قاتارلىق مەسىلىلەرنى قايتا تىلغا ئالدى. ئابې شىنزو مۇنداق دېدى: ھەر قايسى پارتىيەلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈتىلمىسى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، بۇ كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قاراپ چىقىش مۇنازىرىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، خەلقنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈتىلمىسى مەسىلىسىگە بولغان چۈشەنچىسى ئاندىن چوڭقۇرلىشىدۇ. ئابې شىنزو يەنە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مۇشۇ ئايدا ئېچىلىدىغان قەرەللىك پارلامېنت يىغىنىدا «ئەمگەك شەكلى ئىسلاھاتى»غا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنىڭ بالدۇرراق ماقۇللىشىغا تۈرتكە بولىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر