- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كورېيە زۇڭتۇڭى: كورېيە بىلەن ياپونىيەنىڭ «ھەربىيلەرگە ھەمراھ بولغۇچى ئاياللار» كېلىشىمى ھەقىقىي ئادىللىق پىرىنسىپىغا خىلاپ
2018.01.05 15:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جېيىن تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: كورېيە-ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرى يېقىندا ئىمزالىغان «ھەربىيلەرگە ھەمراھ بولغۇچى ئاياللار» كېلىشىمى ھەقىقىي ئادىللىق پىرىنسىپىغا خىلاپ، بۇنىڭدا «ھەربىيلەرگە ھەمراھ بولغۇچى ئاياللار» ئارىسىدىكى ھايات قالغانلارنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سېلىنمىغان، مەزنۇنلار ۋە تەرتىپلەرنى ئۆز ئالدىغا كىرگۈزۈش خاتا.
مۇن جېيىن شۇ كۈنى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە «ھەربىيلەرگە ھەمراھ بولغۇچى ئاياللار» مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ھايات قالغانلارنى تەكلىپ قىلىپ چۈشلۈك تاماقتا بىرگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ بولۇش سالاھىتىم بىلەن كورېيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ئارىسىدىكى كېلىشىمنى ئىنكار قىلالمىساممۇ بىراق مېنىڭچە «ھەربىيلەرگە ھەمراھ بولغۇچى ئاياللار» مەسىلىسىنى بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
نەق مەيداندىكى «ھەربىيلەرگە ھەمراھ بولغۇچى ئاياللار»دىن ھايات قالغان لى يۈشەن مۇنداق دېدى: يېشىمىز 90دىن ئاشتى، ئازاد بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ياپونىيەنىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى 73 يىل كۈتتۇق، ھازىرغىچە كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمىدۇق. بىز پەقەت مۇشۇنىلا ئۈمىد قىلاتتۇق.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر