باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 14- دېكابىردىكى باشلىقلار يىغىنىدا، «مەڭگۈلۈك قۇرۇلمىلىق ھەمكارلىق مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى» رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2017.12.18 13:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 14- دېكابىردىكى باشلىقلار يىغىنىدا، 25 ئەزا دۆلەت ئىمزالىغان «مەڭگۈلۈك قۇرۇلمىلىق ھەمكارلىق مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى» رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرى مۇنداق دېدى: بۇ 70 يىلدىن بۇيان ياۋروپانىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئارزۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە گەرچە يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغان بولسىمۇ، ئاخىرى رېئاللىققا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھەرىكىتى 1-دىن، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى قاتارلىق كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىچكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. 2-دىن، ياۋروپانىڭ ھەربىي جەھەتتە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا بەك تايىنىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  «مەڭگۈلۈك قۇرۇلمىلىق ھەمكارلىق مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى»-رامكا خاراكتېرلىك كېلىشىم، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشقان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇداپىئە ئىقتىدارى، مەبلەغ سېلىش مۇداپىئە تۈرلىرىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ۋە ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى قەرەللىك ئاشۇرۇش، مەلۇم نىسبەتتە مەبلەغ سېلىپ دۆلەت مۇداپىئە تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، بىرلىكتە چەتئەلگە قوشۇن ئەۋەتىش مەجبۇرىيىتى بار. 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 23 دۆلەت بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىدى.

  بۇ قېتىمقى ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا مۇنۇلار جاكارلاندى: كېلىشىم ئىمزالىغان دۆلەت 25كە يەتتى، كېلىشىم ئىمزالىمىغان دۆلەتلەر ياۋروپانىڭ مۇداپىئە تەدبىرىگە قاتناشماسلىقنى تاللىغان دانىيە، مالتا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغان ئەنگلىيەدىن ئىبارەت.

  باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى دونالد تۇسىك مۇنداق دېدى: «مەڭگۈلۈك قۇرۇلمىلىق ھەمكارلىق مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئۈچۈن بىر شۇم خەۋەر. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياۋروپا مۇداپىئە ھەمكارلىق لايىھەسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، لېكىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان، قارشى تۇرغۇچىلار بىر «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارمىيەسى »نىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن، ياۋروپا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋىتىگە توسالغۇ بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىشتى.

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون 5-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشنى پائال مۇراجىئەت قىلدى، 14-دېكابىر «بۇ ئەمەلىي ئىلگىرىلەش»نى تەنتەنە قىلدى. گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى مارك رۇت مۇنداق دېدى: كېلىشىم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چەت ئەلدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى كۈچەيتىدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكىتىگە مەدەت بېرەلەيدۇ.

  رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشدىكى ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش. بىر تەرەپتىن، 2014-يىلى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، قىرىم رايونى رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىردى. يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەر «تور ھۇجۇمى» ۋە «ھەربىي ھۇجۇم» تەھدىتىگە ئۇچرىدى، بۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.

  20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى بالقان يېرىم ئارىلىدىكى بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئۇرۇشى، كوسوۋو ئۇرۇشى، ياۋروپانىڭ ئىشىكى ئالدىدا يۈز بەردى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇلارغا كۈچلۈك ئارىلاشتى. 2011-يىلى ئەنگلىيە، فىرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى لىۋىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلاشتى، ئەمما ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئوق- دورا، قورال-جابدۇقلار يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ پاكىتلار ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى.

  تىرامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەمىنلىگەن بىخەتەرلىك كاپالىتى ئۈچۈن بەك ئاز بەدەل تۆلىدى، دەپ كۆپ قېتىم ئاغرىندى، يېتەرلىك خامچوت بىلەن تەمىنلىمىسە كاپالەت بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىمىز دەپ تەھدىت سالدى. ئامېرىكىنىڭ يۈز ئۆرۈشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ مۇداپىئە ساھەسىدە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشىنى تېزلەتتى.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىلگىرىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى بىر گەۋدىلەش تىرىشچانلىقىغا پەرقلىق ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىم «مەڭگۈلۈك قۇرۇلمىلىق ھەمكارلىق مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى»نى قوللىدى، لېكىن رامكىلارنى تۈزۈپ چىقتى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتولتېنبېرگ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەڭگۈلۈك قۇرۇلمىلىق ھەمكارلىق مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى» بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ فۇنكسىيەسىنىڭ تەكرارلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە 22 دۆلەت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوقۇم بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. سىتولتېنبېرگ بريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغا بولغان تەلىپىدە توقۇنۇش كۆرۈلۈپ قېلىش خەۋپىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

  ئۇنىڭ كۆز قارىشى بويىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەشەببۇسى ئاستىدا تەرەققىي قىلغان ئارمىيە ۋە ھەربىي ئىشلار فۇنكسىيەسى جەزمەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ماسلىشىشى كېرەك.

  كېلىشىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن يولغا قويۇش جەريانىدا يەنە ھەر خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنىڭدىن كېيىن سىرتقا ئەسكەر ئەۋەتىشكە كېرەكلىك بولغان ئورتاق مۇداپىئە ئىشلىرى فوندىنى بەلگىلىمە بويىچە تۇنجى قېتىمدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى چىقىرىشى كېرەك، بۇنى يەنىلا ھەرقايسى شەرتنامە ئىمزالىغۇچى دۆلەتلەر تەستىقلىشى لازىم.

  «مەڭگۈلۈك قۇرۇلمىلىق ھەمكارلىق مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى»نىڭ يادرولۇق مەزمۇنى 1998-يىلى ئەنگلىيە ، فىرانسىيەدە بارلىققا كەلگەن، يەنى بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەربىي كۈچى ئەڭ قۇدرەتلىك ئىككى دۆلەت ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى ھەققىدە ھاسىل قىلغان كېلىشىم. ئەنگلىيە بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى، بۇنىڭدىن كېيىن «مەڭگۈلۈك قۇرۇلمىلىق ھەمكارلىق مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى»گە قاتنىشىش ئۈستىدە ئىزدىنەمدۇ يوق؟ قانداق شەكىلدە قاتنىشىدۇ؟ بۇ يەنە بىر ئاۋارىچىلىك.

  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ياۋروپا ھەقىقەتەن بىر قانچە خىل تەھدىتكە ئومۇميۈزلۈك دۇچ كەلمەكتە. مەن چۈشىنىمەن، گەرچە ئەنگلىيە مۇستەقىل قارار چىقىرىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، بۇ بىزنىڭ ھەرگىزمۇ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىدىكى ئۈستىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتتىن ۋاز كەچكەنلىكىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر