باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو، رۇسىيە، ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 11-دېكابىر يېڭى دېھلىدا 15-قېتىملىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

2017.12.13 14:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو، رۇسىيە، ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى 11-دېكابىر يېڭى دېھلىدا 15-قېتىملىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. ئۈچ دۆلەت دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى رايون بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق قاتارلىق قىزىق تېمىلار توغرىسىدا كېڭەشتى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر جۇڭگو-ھىندىستان، رۇسىيە-ھىندىستان مۇناسىۋىتى گۇماننى تۈگىتىپ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشقا موھتاج، ھەر قايسى تەرەپلەر بۇ قېتىمقى يىغىندىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو، رۇسىيە، ھىندىستاننىڭ ئۈچ بۇرجەكلىك مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلماقتا، بۇ ئۈچ دۆلەتكە، مەزكۇر رايون ھەتتا دۇنيانىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

  ھىندىستان ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان يىغىن كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى شۇ كۈنى ئالدى بىلەن رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف، ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىۋاراجى بىلەن ئىككى مەيدان ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئاندىن كېيىن يەنە ئۈچ دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچراشتى.

  ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇمار 8-دېكابىر خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى:

  ئۇچرىشىش مەزگىلىدە، ئۈچ دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئافغانىستان ۋەزىيىتى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق قاتارلىق قارالمىلارنى كېڭىشىپ، ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدەندى. جۇڭگو-رۇسىيە-ھىندىستان ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى خەلقئارا قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى شۇنداقلا ئىككى تەرەپلىك ھەمدە ئۈچ تەرەپلىك ھەمكارلىق قارالمىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  رۇسىيە، ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچرىشىشى بۇلتۇر 4-ئايدا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئارىلىقتا، ئۈچ مىنىستىر سۇرىيە مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا ۋەزىيىتى، ئافغانىستان ۋەزىيىتى، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تېررورلۇق ۋە يەر شارىدىكى زەھەر تەھدىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

  ئۈچ دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىدىن ئىبارەت بۇ كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم- جۇڭگو، رۇسىيە، ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش سۇپىسى بولۇپ، جۇڭگو-رۇسىيە جۇڭگو-ھىندىستان، رۇسىيە-ھىندىستاننىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆز-ئارا باغلاش، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ گۇماننى تۈگىتىش رولىنى ئوينايدۇ. كۆپ تەرەپلىك سەھنە ھازىرلاپ، ئىككى تەرەپلىك ماھارەت كۆرسەتكىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتى جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىمى لى چىڭيەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ-گۇماننى تۈگىتىش كېرەك، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى، رۇسىيە بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپ رۇسىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى شېرىكلىك مۇناسىۋەتنىمۇ تىرىشىپ ساقلىشى كېرەك.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى رۇسىيە ياۋروپا-ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: رۇسىيە نۇقتىسىدىن چىقىش قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاننى يېنىغا تارتىشتەك يېڭى جەنۇبىي ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى ئالدىدا، رۇسىيە جۇڭگو ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ياخشىلاپ، چېگرا مەسىلىسى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردە ئىككى تەرەپ رامكىسىدا كېڭىشىپ، جۇڭگو ، رۇسىيە، ھىندىستاننىڭ ئۈچ بۇرجەكلىك مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشنى ئۈمىد قىلىدۇ. " بۇنىڭ ئۈچۈن، رۇسىيە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى پائال ماسلاشتۇرۇشنى خالايدۇ».

  جۇڭگو-رۇسىيە-ھىندىستان رايون مۇھىم دۆلەتلىرى، شۇنداقلا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئاھالىسى دۇنيا ئاھالىسىنىڭ % 40 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

  15 يىلدىن بۇيان، ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىش مېخانىزمى- ئۈچ تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى كۈچەيتىش، ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشىدىكى مۇھىم سۇپىسىغا ئايلاندى. جۇڭگو، رۇسىيە، ھىندىستاننىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشى- ئۈچ دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ، بۇ ئۈچ دۆلەت، مەزكۇر رايون ھەتتا دۇنيانىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن.

  ئەلۋەتتە ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمى ئوڭۇشلۇق بولامدۇ يوق؟ بۇ جۇڭگو بىلەن رۇسىيە، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان، رۇسىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى «چىشلىق چاق»بىرىنىڭ دەل جايىدا چىشلىشىشى، توسالغۇسىز ھەرىكەت قىلىشىغا باغلىق. بۇ ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ئاساسى ۋە كەيپىياتى، شۇنداقلا بۇ مېخانىزمنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ۋە كاپالىتى.

  ھەمكارلاشسا كۈچىيىدۇ، يېتىم قالسا ئاجىزلىشىدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى پائال ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، جۇڭگو ھىندىستان مۇناسىۋىتىمۇ يارىشىش ۋە ھەمكارلىشىش چوڭ يۆنىلىشنى كۆزلىشى، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق تىزگىنلەپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىش ئىزىغا چۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىجابىي بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  2002-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو، رۇسىيە ، ھىندىستان ئۈچ دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى 15 قېتىم ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىق مېخانىزمى دەسلەپتە باشقا يىغىن سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، بىرەسمىي يىغىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەسىلەن، 2003-يىلى ۋە 2005 - يىلىدىكى ئۇچرىشىش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلدى، 2004-يىلى بولسا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  2005-يىلىدىن كېيىن، ئۈچ دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى باشقا يىغىن سۇپىلىرىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل، مۇقىم بولغان كۆپ تەرەپلىك ئۇچرىشىش مېخانىزمىگە ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر