باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى) سودا يەرمەنكىسى باشلاندى

2017.12.12 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى) سودا كۆرگەزمىسى 10- چېسلا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي دۇنيا سودا مەركىزىدە باشلاندى.

  بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يورۇتۇش ئەسۋابلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي بېزەش سوۋغاتلىرى، ئۆي جاھازلىرى ۋە يېمەكلىك قاتارلىق يەتتە كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان. بېزەش كۆلىمى تەخمىنەن 50 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، جېجياڭ، خېبېى، سەندوڭ، جاڭسۇ، ئەنخۇي ۋە شاڭخەي قاتارلىق نەچچە ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىن كەلگەن 1050 كارخانا ۋە تەخمىنەن 2200 كۆرگەزمە ئورنى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر يەرمەنكىدە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ۋە خېبېينىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭلىق ماركىلىرى قاتارلىق ئۆزىگىچە مەھسۇلاتلارنىڭ مەخسۇس رايونى ئالاھىدە تەسىس قىلىنىپ، شۇ ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كەسپىي بازىسى ۋە رايون ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىنغان.

  يەرمەنكە تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يەرمەنكە جۇڭگو ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىكى ئەڭ چوڭ خوجىلار تۈرىدىكى تاۋار يەرمەنكىسى ھېسابلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر