باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پرانىستاد: ئامېرىكا جۇڭگو باشلىقلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشى بىر قېتىملىق تارىخىي مۇھىم ئۇچرىشىش

2017.11.08 13:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پرانىستاد 6-نويابىر بېيجىڭدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، ئامېرىكا جۇڭگو باشلىقلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشى بىر قېتىملىق تارىخىي مۇھىم ئۇچرىشىش دەپ قارىدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ترامپ ياخشى شەخسىي دوستلۇق ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورناتتى، بۇ جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر مەزگىلدە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلىدى، ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. برانىستاد جۇڭگو ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ جۇڭگو بازىرىنىڭ يەنىمۇ ئېچىۋېتىلىشى ئامېرىكا كارخانىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ھېسابلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە ئىككى تەرەپ بەزى مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىسىمۇ، لېكىن بىز بىر-بىرىمىزگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرساقلا، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىيەلەمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر