- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پاناما زۇڭتۇڭى: پاناما-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ئورتاق گۈللىنىشكە پايدىلىق
2017.09.19 13:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پاناما زۇڭتۇڭى باررېرا 17-سېنتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن پاناما بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن خۇشال ھەمدە بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدا يەتكۈزىدۇ دەپ قارايمەن. باررېرا شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: پاناما جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسى سودىسىغا يۈزلەنگەن تايىنىش نۇقتىسى بولۇپ، جۇڭگوغا تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ ھەمدە كولون ئەركىن سودا رايونى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پاناما، كارپ دېڭىزى رايونى، ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ھەتتا پۈتكۈل لاتىن ئامېرىكىسىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. باررېرا مۇنداق دېدى: پات ئارىدا پاناما بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا كونسۇل ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، ۋىزا بېجىرىشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار ۋە مەدەنىيەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ پاناماغا بېرىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر