باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئىسلام دۆلىتىنىڭ دەرزۇر ھەربىي ئايرودۇرۇمىدىكى مۇھاسىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى

2017.09.11 15:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى تۈنۈگۈن سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى دەرزور ئۆلكىسىدىكى ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىپ، ئىسلام دۆلىتىنىڭ بۇ ئۆلكىنىڭ مەركىزى دەرزۇر شەھىرىدىكى بىر ھەربىي ئايرودۇرۇمىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك مۇھاسىرىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

  بىر سۇرىيە ئەمەلدارىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا دېيىشىچە، بۇ ئايرودۇرۇمدىكى مۇھاسىرنى بۇزۇپ تاشلاش ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ دەرزۇر شەھىرىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىستراتېگىيەلىك غەلىبىسى بولۇپ، دەرزور شەھىرىگە يوشۇرۇنۇۋالغان ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرى بەربات بولۇۋېتىپتۇ.

  سۇرىيە ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ يەنە بىر ئەربابىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ دەرزۇر شەھىرىدىكى ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.

  دەرزۇر ئۆلكىسى سۇرىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىراق بىلەن چېگرالىنىدىغان سۇرىيەنىڭ ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونى. 2014-يىلىدىن بۇيان دەرزۇر شەھىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئىسلام دۆلىتىنىڭ مۇھاسىرىسىدە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر