باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى بريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلدى

2017.09.11 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى ئۈلۈشكۈن بريۇسسېلدىكى ئېگمونت سارىيىدا ئېچىلدى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى، ئالىملىرى ۋە ياۋروپادىن كەلگەن كەسىپداشلار ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيادا ئويناۋاتقان رولى ھەمدە ياۋروپا بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.

  جۇڭگونىڭ بېلگىيەدىكى باش ئەلچىسى چۈ شىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقى «ئالتۇن كېسەك روھى» ئاساسىدا قۇرۇلغان، بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئورتاقلىقنى تېپىپ چىقىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەمدە نەتىجە ئارقىلىق يېتەكلەيدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىپ، دۇنيانىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا ئاقىللار ئامبىرىدىن كەلگەن ئالىملار سۆزلىرىدە ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى گەۋدىسى زورايماقتا، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم سودا شېرىكى. بۇنىڭدىن باشقا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق ساھەلەردىمۇ كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر