باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خولارى ئېردىنباتىرنى زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

2017.09.08 15:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خولارى 7-سېنتەبىر كۆپ سانلىق ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن زۇڭلى ئېردىنباتىرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  ئومۇمىي يىغىندا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللىنىشدىن ئىلگىرى، ئېردىنباتىر ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇشى قارار قىلىندى.

  23-ئاۋغۇست، خەلق پارتىيەسىنىڭ دۆلەت بۈيۈك خۇلارىدىكى 30 ئەزاسى ئېردىنباتىرنى زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار تەكلىپىدە مۇنداق دېدى: ئېردىنباتىر ھۆكۈمىتى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، ھەتتا دۆلەت بۈيۈك خۇلارىنىڭ نوپۇزىغا خىرىس قىلدى.

  تەكلىپتە يەنە مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىللىق موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىدا خەلق، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتىنى كۆرسىتىش ئۇسۇلىنى تاللاش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە بولغان نارازىلىقى بىلدۈردى. خەلق پارتىيەسى 2016-يىلى دۆلەت بۈيۈك خۇلارى سايلىمىدا ئوتتۇرىغا قويغان سايلام پىروگراممسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاستا بولۇپ، پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر