- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تىرامپ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلدى
2017.08.23 16:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 21-ئاۋغۇست تېلېۋىزوردا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن ئالدىراپ قوشۇن چېكىندۈرۈشى ھوقۇق بوشلۇقى پەيدا قىلىدۇ، ئامېرىكا ئارمىيەسى چوقۇم «غەلىبە ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ». ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئافغانىستان ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، ئامېرىكا ئافغانىستاننىڭ ھەقىقىي ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىنى كۆرۈشنى كۈتىدۇ.
تىرامپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىنى سابىق زۇڭتۇڭ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا غايەت زور ئۆزگىرىش بار. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مۇددەتتىن بۇرۇن ۋاقىت جەدۋىلى تۈزمەستىن بەلكى ئەمەلىي ئۇرۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەربىي ھەرىكەت تاللىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دېدى: ئافغانىستاننىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى زوراۋانلىق ۋە قالايمىقانچىلىقنى تارقىتىۋاتقان قوراللىق تەشكىلات تورلىرىغا تېخىمۇ ياخشى زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئارمىيەگە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر