باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلاشسا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى

2017.08.14 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، فىلىپىننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كايىتانو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يۈرۈشلۈك يىغىنى مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى خۇلاسىلىغاندا مۇنداق دېدى: جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ھەممىدىن مۇھىم، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە تالاش-تارتىشى بار، ئەمما بۇ تالاش-تارتىشلار دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. ھازىر جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىجابىي ئوربىتىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. يېقىندا ئاخىرلاشقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى رامكىسىنى ئىمزالاپ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى قايتىدىن دەۋەلاشقۇچى تەرەپلەر سۆزلىشىش، مەسىلىھەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش يولىغا قايتۇرۇپ كەلدى. ئەمما مۇتەخەسىسلەر: كەلگۈسىدە بۇ مىزان رامكىسى ئاساسىدا مەسلىھەت قىلىشىدىغان ياخشى كەيپىياتنى يەنىلا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق قوغدىشىغا توغرا كېلىدۇ، دېدى.

  2-ئاۋغۇستتىن 8-ئاۋغۇستقىچە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىرى يىغىنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىرى يىغىنى، شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار ئۇچرىشىشى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رايونى مۇنبىرى قاتارلىق يۈرۈشلۈك يىغىنلار فىلىپىننىڭ پەيتەختى مانىلادا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو: «جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى» رامكىسى ھاسىل قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى قايتىدىن دەۋالاشقۇچى تەرەپلەر بىۋاستە سۆزلىشىش، مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش ئوربىتىسىغا قايتۇرۇپ كەلدى.

  ئەمما يىغىن مەزگىلىدە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت جەنۇبىي دېڭىزغا دائىر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرۈشنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى، ھەتتا جۇڭگو ۋە فىلىپىننى ئاتالمىش «ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى»گە ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

  مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى فىلىپىننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كايىتانو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يۈرۈشلۈك يىغىنى مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى خۇلاسىلىغاندا، مۇخبىر يۇقارقى ئەھۋالنى سورىغاندا، كايىتانو ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: فىلىپىن مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت، باشقا دۆلەتلەرنىڭ فىلىپىنگە قانداق قىلىشنى ئۆگىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق. بىز نىمىنىڭ بىزگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئۆزىمىز قارار قىلىمىز. خۇددىي رۇسىيە، جۇڭگو بىزگە مالايسىيا، بىرۇنىي ۋە ۋېتنام بىلەن بولغان زىمىن تالاش-تارتىشىنى قانداق ھەل قىلىشنى ئۆگەتمەيدىغىنىغا ئوخشاش، مەن بۇ دۆلەتلەرنىڭمۇ بىزگە جۇڭگو بىلەن قانداق مۇناسىۋەت قىلىشنى ئۆگەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كايىتانو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ھەممىدىن مۇھىم. فىلىپىن جەنۇبىي دېڭىزدا يەنە ماجرا پەيدا بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدۇ.

  جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى رامكىسىنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقى ئىلگىرى ئىختىلاپ كۆرۈلگەن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلاشسا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. شۇ جايدىكى جامائەتچىلىك، كايىتانونىڭ ئىپادىسى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا زور كۆپ قىسىم دۆلەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى، دەپ ھېسابلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر