باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ سودا ۋەزىيىتى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ

2017.08.14 13:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 7 ئېيىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى 46 مىليارد 822مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.8ئاشقان. رۇسىيەدىكى داڭلىق ئاپپاراتنىڭ مۇتەخەسسسى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسى مۇستەھكەم، ھەمكارلىق ئارزۇسى كۈچلۈك، بۇ يىل پۈتۈن يىلدا ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنىڭ 80 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشىدىن ئۈمىد بار.

  رۇسىيە تەتقىقات ئاپپاراتى كارنېگ موسكىۋا مەركىزىنىڭ تۈر مۇدىرى كابىيىف شىنخۇا ئاگېنتىلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: يېقىنقى نەچچە ئايدا خەلقئارا بازاردا مېتال باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، خام ماتېرىيال تاۋارلىرى رۇسىيەنىڭ ئېكىسپورتىدا بىر قەدەر زور سالماقنى ئىگىلىگەچكە، ئەگەر مىتال باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىسە، نېفىت ناھاسى ھەر باكىنىڭ 50 ئامېرىكا دوللىرىلىق سەۋىيەنى ساقلىسا، شۇنداقلا يەنە كېلەركى يېرىم يىلدا رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سودا ئالاقىسىدىكى پەسىللىك پايدىلىق ئامىللارنى قوشقاندا، بۇ يىل ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنىڭ 80 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشىدىن ئۈمىد بار.

  ئۇ مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا قىلغان ئېكىسپورتىدا خام ماتېرىيالدىن باشقا تاۋارلار كۆپ بولۇپ، بۇ يۈزلىنىشكە تۈرتكە بولۇۋاتقان ئامىل رۇبلىنىڭ پېرىۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەن ئورۇندا تۈرۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ غەيرى تاموژنا بېجى قورغىنى تەسس قىلىشى شۇنداقلا ئىككى دۆلەت قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇشى ئىككى تەرەپلىك يېمەكلىك سودىسىغا قولايلىق ياراتتى.

  رۇسىيەنىڭ ئېكىسپورت مەركىزى-رۇسىيەنىڭ تاشقى ئىقتىساد بانكىسىغا قاراشلىق تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاپپاراتى. بۇ مەركەزنىڭ خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى، باش دىرىكتور مامۇنوف شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا قىلغان ئېكىسپورت تاۋارلىرى ئاساسلىقى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى، ياغاچ ماتىرىياللىرى ۋە ماشىنسازلىق ئۈسكۈنىلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىسبىتى يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيەنىڭ يادرو رىياكتور ئۈسكۈنىلىرى، تۇربىنلىق رىئاكتىپ ئايروپىلان ماتورى ۋە ئالاھىدە دىنامىك ماشىنىنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىكىسپورت مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  مامۇنوف مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا قىلغان يېمەكلىك ئېكىسپورتىنىڭ سانى ۋە تۈرى كۆپ، يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيى قاتارلىق يېمەكلىكلەر قەرەللىك ھالدا كۆپلەپ جۇڭگوغا ئىكىسپورت قىلىندى. 2016-يىلدىن بۇيان، رۇسىيەنىڭ ئېكىسپورت مەركىزى كۆپ قېتىم جۇڭگو شەھەرلىرىدە يېمەك-ئىچمەك ھەپتىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيە يېمەكلىكلىرىنىڭ جۇڭگوغا ئېكىسپورت قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگولۇق ئېستىمالچىلارنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇنى تاتلىق تۈرۈم ۋە ئېچىملىكلىرىگە بولغان تەلىپىمۇ ئاشماقتا.

  ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كىشىنى خۇشاللاندۈرىدۇ، بىر تەرەپتىن، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد سودا ئالاقىسى داۋاملىق كېڭەيدى، يەنە بىر تەرەپتىن يەر شارى سودىسى جانلاندى.

  رۇسىيە-ئاسىيا كارخانىچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مىڭكوۋچ شىىخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىمپورت-ئىكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20كۆپرەك ئېشىپ، ئىككى تەرەپلىك سودا تەرەققىياتىنىڭ ياخشى يۈزلىنىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتى مۇقىملىققا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىدى، خەلقئارا بازاردا خام ماتېرىيالغا بولغان ئېھتىياجمۇ ئەسلىگە كەلدى ھەمدە 3-پەسل ئادەتتە رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سودا ئالاقىسى بىر قەدەر جانلانغان مەزگىل، بۇ پايدىلىق ئامىللار بۇ يىل ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنى 80 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈشكە پايدىلىق.

  مىڭكوۋېچ ئىككى دۆلەت بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان 2020-يىلىدىن بۇرۇن ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش نىشانى ھەققىدە مۇنداق دېدى: ئەگەر رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق مۇشۇنداق ئىجابىي ئاشسا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىدىكى چوڭ تىپتىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئوڭشۇلۇق يولغا قويۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىمپورت چەكلىمىسىنى ئازايتىدۇ، يىللىق سودا سوممىسىنى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.

  ئۇ يەنە ئىككى تەرەپلىك سودىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باشقا ئامىللار ھەققىدە توختالدى، ئالايلۇق، رۇسىيە جۇڭگو كارخانىلىرى ئارا ئۆزئارا چۈشەنچىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سودا قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق قوللىنىپ، خام ماتېرىيالدىن باشقا توۋارلارنى ئىمپورت ۋە ئېكىسپورت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، رۇسىيە تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانلىرىنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سېتىۋېلىش ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا يول قويۇش، جۇڭگونىڭ يۇقۇرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنى رۇسىيەگە ئېكىسپورت قىلىشنى يەنىمۇ كۆپەيتىش قاتارلىقلار.

  مىڭكوۋېچ مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن جۇڭگو كارخانلىرىنىڭ بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىپ كارخانا قۇرىدىغان ياخشى پەيتى، چۈنكى رۇسىيەدە خام ماتېرىيال باھاسى يۇقۇرى ئەمەس، كەسپىي خادىملارنى ئىشلىتىش تەننەرخى تۆۋەن، سېتىش بازىرى كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ، بۇ پايدىلىق شارائىتتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش رۇسىيە جۇڭگو شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ رۇسىيەنىڭ ھازىرقى توۋار ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىگە كىرىشىگە، جۇڭگو سودىگەرلىرىنىڭ رۇسىيە بازىرىنى ئېچىشىغا پايدىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر