باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پېررى:ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار سۆزلىشىشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك

2017.08.14 13:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن ئارىسىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك چەك چىگرا ئايرىشقا دەۋەت قىلىشتىن دېرەك بېرىپ، ۋەزىيەتنى بارغانسىرى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋىليام پېررى يېقىندا شىنخۇا ئاگېنىتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: تىنچ دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار سۆزلىشىشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

  پېررى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن سۆھبەتنى باشلىشىشى كېرەك، بۇ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بالدۇرراق يادروسىزلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشى 6-ئاۋغۇست چاۋشيەننىڭ يېقىنقى مەزگىلدە تىرايىكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى مەسىلىسى ئۈستىدە بىردەك 2371-نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، چاۋشيەننى تېخىمۇ قاتتىق جازالاش تەدبىرىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. قاراردا ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتا باشلاش ۋە تىنچلىق ئۇسۇل ئارقىلىق يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش قايتا تەكىتلەندى.

  پېررى مۇنداق دېدى: ئالتە تەرەپ سۆھبىتى چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئىجابىي رول ئوينىدى. ئالتە تەرەپ سۆھبىتى چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالاقىدار تەرەپلەرنى بىر يەرگە جەم بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بۇ جەھەتتىكى تۆھپسىنى يوق قىلىشقا بولمايدۇ. مەن كەلگۈسىدە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك كېڭىشىش ئىستراتېگىيىسىنى قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىز ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ھەقىقىي ئۈنۈملۈك بولغان دىپلوماتيە تەدبىرىنى بىكىتىشكە مۇھتاج.

  جۇڭگو بىلەن رۇسىيە 7-ئايدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يول خەرىتىسىنى بېكىتىپ، چاۋشيەن يادرو ھەرىكىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىش، ئامېرىكا بىلەن كورىيە زور كۆلەملىك ھەربىي مانىۋېرنى ۋاقىتىنچە توختىتىشتىن ئىبارەت قوش ۋاقتىنچە توختىتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  پېررى چاۋشيەننىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى ئوخشاشلا مۇراجەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا يادرو تەھدىتىنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ چاۋشيەننىڭ دەۋا تەلىپىگە كۆڭۈل بۆلىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى مۇۋاپىق بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە قىلىش بىزنىڭ نىشانىمىز. پېررى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سادنىڭ كورىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا قىلچە ياردىمى يوق. ساد كورىيىلىكلەرنى قوغدىنىشقا ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغاندىن سىرت، باشقا مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ.

  پېررى مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە تىرامپ ھۆكۈمىتى چاۋشيەن مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا قالايمىقان سىگنال بەرمەكتە، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى كەمچىل دېمەكتە.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 8-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى چاۋشيەن ئەڭ ياخشىسى ئامېرىكىغا تەھدىت سالماسلىقى كېرەك، ئۇنداق قىلمايدىكەن مىسلى كۆرۈلمىگەن تالاپەتكە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن بىر كۈن كېيىن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تېللىرسىن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىدە جىددى ئۆزگىرىش بولىدىغان ھىچقانداق ئالامەت يوق دېدى.

  پېررى يەنە كىچىك بۇش بىلەن ئوباما دەۋرىدىكى چاۋشيەنگە قارىتىلغان ئىستراتېگىيىلىك سەۋرى تاقەت سىياسىتىنى تەنقىدلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ قىلغىنى ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرۇش بولدى، ئۈمىد قىلىش بىر خىل ئىستراتېگىيە ئەمەس.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر