- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا «ساد» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى سىناق قىلدى
2017.07.31 14:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى شۈ كۈنى ئالياسكا ئىشتاتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ساد»ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلدى.
ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلىدى: ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سى-17 بەلگىلىك تىرانسپورت ئايروپىلانى شۈ كۈنى تىنچ ئوكيان ھاۋا بوشلۇقىدا ئوتتۇرا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا نىشانلىق ئوقىنى قويۇپ بەردى، ئالياسكا ئىشتاتىنىڭ كودىئاك ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ساد» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى بۇنى تەكشۈردى ھەمدە ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توستى.
ئاخباراتتا يەنە مۇنداق دېيىلىدى: بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ مەقسىتى-«ساد»ناملىق سىستېما توسقان ئوقنىڭ ئۇچۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش، سىستېمىسىنىڭ تەقلىدىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر