- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كورىيە ئارمىيەسى: چاۋشەن باشقۇرىلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
2017.07.31 12:14 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كورىيە ئارمىيەسى بۈگۈن چاۋشەننىڭ تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىزغا نامەلۇم بىر باشقۇرىلىدىغان بومبىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ كورىيە بىرلەشمە ئىشتاب بۆلۈمىنىڭ بۈگۈن تاڭ سەھەردە ئېلان قىلغان خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، چاۋشەن شۇ يەر ۋاقتى 28-ئىيۇل سائەت 23 تىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە، چاگاڭ ئۆلكىسىدىن چاۋشەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىزغا بىر باشقۇرىلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن، بۇ ترايېكتورىيەلىك باشقۇرىلىدىغان بومبا دەپ پەرەز قىلىنغان.
باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن: ئامېرىكا ئارمىيەسى چاۋشەننىڭ سىناق قىلىپ قويۇپ بەرگىنى قەتئەلەر ئارا قويۇپ بېرىلىدىغان ترايېكتورىيەلىك باشقۇرىلىدىغان بومبا دەپ قارايدۇ، دېگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر