- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى»نى بىكار قىلىش مەقسىتىدىكى ئەڭ يېڭى لايىھەنى ئىنكار قىلدى
2017.07.31 12:14 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تۈنۈگۈن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ «ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى»نى بىكار قىلىش مەقسىتىدىكى ئەڭ يېڭى لايىھەسىنى 49 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 51 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئىنكار قىلدى، بۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى بىكار قىلىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شۇ كۈنىدىكى ئاۋاز بېرىشتە، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى ئەزالىرى ۋە مۇستەقىلچىلارنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى ئەزالىرى بىردەك قارشى تۇرغاندىن سىرت، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى ئەزاسى جون ماككائىن، سۇسان كىلىنسىن، سارى مۇركىسكىمۇ قارشى ئاۋاز بەردى، بۇنىڭ بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان «ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى»نى بىكار قىلىش لايىھەسى مۇشۇ پارتىيە كونتىروللۇقىدىكى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاۋاز بېرىشىدە مەغلۇب بولدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر