باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران راكېتا قويۇپ بېرىشدە باشقا دۆلەتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق دېدى

2017.07.31 12:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 28-ئىيۇل كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئىراننىڭ راكېتا قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىدە ئىرانغا قارتا بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلەپ، توشۇغۇچى راكېتانى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىراننىڭ مەھرۇم قىلىشقا بولمايدىغان ھوقۇقى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ماقۇللىغىنى ئېلىشىنىڭ ھاجىتى يوق دېدى.

  ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بەھرام قاسىم مۇنداق دېدى: ئىران پەن تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىزدىنىش جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان، ئىراننىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئىرانلىق ياش پەن تېخنىكا ئالىملىرى ۋە كەسپى ئىختىساسلىقلىرى قولغا كەلتۈرگەن.

  قاسىم مۇنداق دېدى: ئىران، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمگە ئەمەل قىلدى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار ئورگانلار بىلەن بۇ نۇقتىنى كۆپ قېتىم جەزملەشتۈردى، ئامېرىكا ئىرانغا قاراتقان دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى توختىتىشى ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر