باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى جونسون جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى توغرىسىدا بىلجىرلىدى

2017.07.31 12:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە بىرمىنخام ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا سىياسەت فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئەنگلىيە دىپلوماتىيە سىياسىتى تەتقىقات مۇتەخەسسىسى سىكوت.لۇكاس 28-ئىيۇل ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى جونسوننىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ئائىت سۆزلىرى چوڭقۇر ئويلانماي ئېيتقان سۆزلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاقىدار ئىپادىلەشلىرىنى چۈشەنمەك قىيىن، دېدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى جونسون ئاۋسترالىيەدە، ئەنگلىيەنىڭ يېڭىدىن ياسىغان ئىككى ئاۋىياماتكىسى مەزكۇر رايوندا ئەركىن يۈرەلەيدۇ، دېدى. ئۇ قەيەردە يۈرەلەيدىغانلىقىنى كونكرېت ئېيتمىدى، ئەمما ئۇ ئەنگلىيە پاراخوتلىرى جەنۇبىي دېڭىز ساھىلىدە يۈرۈشتە جۇڭگونىڭ چەكلىشىگە پىسەنت قىلمايدۇ، دېدى.

  لۇكاس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇبىي دېڭىز رايونىغا ئاۋىياماتكا ئەۋەتىش قاتارلىق قىلمىشلار تەھدىت سېلىش دەپ قارىلىدۇ. ئۇ رايون ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەر مەسلىھەتلىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىقلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

  لۇكاس مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جونسوننىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى گەپ-سۆزلىرى ئارىلىشىش ۋە ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىش بولۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قىلچە پايدىسى يوق.

  جونسون جەنۇبىي دېڭىزغا ئائىت سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ بىر قىسىم تاراتقۇلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرى ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئالتۇن دەۋر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر