باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلق گېزىتى: ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئالايلى

2017.07.21 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق گېزىتىنىڭ» بۈگۈنكى سانىدا «ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئالايلى» دېگەن ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: چىليەنشەن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى بۇزۇش مەسىلىسىگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم كۆرسەتمە بەرگەن بولسىمۇ، ئەھۋال كۆرۈنەرلىك ياخشىلانمىدى. بۇ قېتىم چىليەنشەن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ئاشكارا ئېلان قىلىندى، ئالاقىدار مەسئۇل ئورۇن ۋە مەسئۇل كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىكنى قۇرۇش قەتئىي ئىرادىسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرىدۇ.

  ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسىلىسىنى ئېغىزدا مۇھىم دەپ قويۇپ، قاتتىق شوئار توۋلاپ قويۇپ،كونكرېت ھەرىكەت قوللانمايدىغان ئىش ئەمەس، ئېكولوگىيەنى كىم بۇزسا شۇ ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈشى كېرەك، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزۇشتا مەسئۇلىيىتى بار رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى جەزمەن قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر