باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى يېڭى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى

2017.06.23 15:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى قوشۇمچە باش ۋەزىرى سالمان تۈنۈگۈن پەرمان چۈشۈرۈپ، ئابدۇللا ئەزىز بېن سەئۇدىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان مۇھەممەد بېن نايىفنىڭ ئورنىغا يېڭى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ئابدۇللا ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىدا ئېيتىلىشچە: ئابدۇللا ئەزىز بۇ يىل 34 ياش بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قىسقا ۋاقىت سودا بىلەن شۇغۇللانغان، ئارقىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، خان ئوردىسى ئىشخانىسى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم تارماقلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.

  شۇ كۈندىكى يەنە بىر پەرمانىدا پادىشاھ سالمان پادىشاھ ۋارىسى جىيەن ئوغلى مۇھەممەد بېن نايىفنى مۇئاۋىن باش ۋەزىر ۋە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرىلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ئوغلى، مۇئاۋىن پادىشاھ ۋارىسى، ئىككىنچى مۇئاۋىن باش ۋەزىر مۇھەممەد بېن سالماننى پادىشاھ ۋارىسى ۋە مۇئاۋىن باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن، ئۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەزىرلىكىنى ئۆتەۋېرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر