باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەنىڭ قاتارغا يان بېسىشى تۈركىيەگە نېمە ئېلىپ كېلىدۇ؟

2017.06.19 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتار دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسىگە دۇچ كەلگەندىن بۇيان، تۈركىيە پات-پات بايانات ئېلان قىلىپ ۋە كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىپ، پارس قولتۇقىدىكى بۇ دۆلەتكە يان باستى، ئۇنىڭ بۇ تەدبىرى شۇ يەردىكى جامائەتچىلىك ۋە سىياسىي ساھەدىكىلەرنىڭ گۇمانى ۋە مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. ئىقتىسادى جەھەتتىن تايىنىشنى كۆزدە تۇتۇش ھەمدە تېزلىكتە قاتار تەرەپتە تۇرۇش سىياسىتى تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىكى مۇمكىن، بۇ تۈركىيەنىڭ ياراشتۇرۇش تىرىشچانلىقىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن ھەتتا «ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىش»تەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە قاتارنى جازالاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. تۈركىيە ئېنىق ھالدا بۇنى قۇۋەتلىمىدى، تېزلىكتە دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنى ياراشتۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سۆزلىشىش ئارقىلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسىنى ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  9-ئىيۇن تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان ئىككى تۈرلۈك قانۇن لايىھەسى ئىمزالاپ، قاتاردىكى تۈركىيە بازىسىغا تۇرۇشلۇق قىسىم ئەۋەتىشكە ھەمدە قاتارنىڭ ژاندارما قىسمىنى تەربىيەلەشكە ياردەم بېرىشكە قوشۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا، قاتارنىڭ مەملىكەت ئىچىنىڭ يېمەكلىك ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈركىيەگە ھاۋادىن يېڭى سۈت، قېتىق، گۆش، مېۋە شەربىتى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى جىددىي يۆتكىدى.

  ئەمما تۈركىيەنىڭ قاتارغا يان بېسىش مەيدانى ئانچە قارشى ئېلىنىپ كەتمىدى. ئىلگىرى تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا ئالى ۋەزىپە ئۆتىگەن فەرۇخ لوئوغلى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئەرەب دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى توقۇنۇشتا بىر تەرەپنى تاللىماسلىقى كېرەك ئىدى، «ھەددىن ئارتۇق بىر تەرەپكە ئېغىش»تەك قاتار كىرىزىسىغا ئارىلىشىش تۈركىيەنى قاتارغا قارشى لاگېردىكى دۆلەتلەرنىڭ «ھېسداشلىقى، ھۆرمەتلىشى، مەبلەغ ياردىمى»دىن ئايرىپ قويۇشى مۇمكىن. تېز سۈرئەتتە قاتارغا قارىتىلغان ئەيىبلەشكە رەددىيە بېرىش ھەمدە پۈتۈنلەي قاتار تەرەپتە تۈرۈش تۈركىيەنى «ئەمەلىيەتتە بۇ كىرىزىسىنى ياراشتۇرۇشتىكى ھەرقانداق رولىدىن مەھرۇم قىلىدۇ».

  فەرۇخ لوئوغلى يەنە مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ قاتار بىلەن بولغان ھەربىي ئىشلار كېلىشىمى ئەرەب دۇنياسىنىڭ تۈركىيەگە بولغان سەلبىي كۆز قارىشىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، تۈركىيە مەيدانىنى «تەڭپۇڭ ۋە ئارىلاشماسلىق»قا تەڭشەپ، ئۆزىگە تېخىمۇ كۆپ زىيان يېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: قاتار بىلەن بولغان قويۇق ئىقتىسادى، سىياسىي، ھەربىي ئىشلار مۇناسىۋىتى-تۈركىيەنىڭ «بىر تەرەپكە ئېغىشى»دىكى ئاساسلىق ئامىل. بۇ قېتىمقى دىپلوماتىيە دولقۇنىدا تۈركىيەنىڭ قاتارنى قوللىشىنى روشەنكى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ قاتارنىڭ مەبلىغىگە ئېغىر دەرىجىدە تايىنىدىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى يۈسۈپ قاراجىئوغلى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاتار كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل، ئەمما بۇ چىقىش نۇقتىسى تۈركىيەنى پايدىغا ئېرىشتۈرەلمەيدۇ، ھۆكۈمەت رايون سىياسىتىنى تەلتۆكۈس تەڭشىشى كېرەك.

  تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتارنىڭ تۈركىيەگە سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى 18مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلى تۈركىيەنىڭ 7-چوڭ مەبلەغ سالغۇچىسى بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، قاتار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن شىركىتىنى سېتىۋالغان. نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇش شىركەتلىرى قاتاردا غەلىبە بولغان خېرىدار بولغان تۈرنىڭ قىممىتى نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن ھەمدە قاتارنىڭ 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى قۇرۇلۇش تۈرىدە بەلگىلىك ئۈلۈشكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

  تۈركىيەنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ئەرخان ئۈزگەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تۈركىيە ئىقتىسادى ئۇزاق مۇددەت دائىملىق تۈر پاسسىپ بالانسىغا دۇچ كەلمەكتە، تۈركىيە، كىرىزىس پارتلىغاندىن كېيىن تېزلىكتە قاتاردا ئارمىيە تۇرغۇزۇشنى تەستىقلاپ، قاتار ھاكىمىيىتىگە تىرەك بولۇپ، قاتارنىڭ مەبلىغىنىڭ داۋاملىق تۈركىيە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلماقچى بولدى. ئەمما ئۈزگەر شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قاتار پەرەسلىك سىياسىتى تۈركىيەگە ئېغىر خېيىم-خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە نۇرغۇن قاتارغا قارشى ئىسلام سۈنئىي مەزھىپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن قارشىلىشىش ھالىتىدە تۈرۈپ قالىدۇ.

  تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىمۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىتەرەپ ھالەتنى ساقلاش تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ، قاتار كىرىزىسى ھەربىي قارشىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان ئەھۋالدا ھەل قىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما تۈركىيە بۇ جەرياندا ئىزچىل بىر چەتتە تۇرۇشى كېرەك.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر