باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى خەلق پۇلىنى تۇنجى قېتىم تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا كىرگۈزدى

2017.06.19 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئامېرىكا دوللىرى سېتىش ئارقىلىق، جەمئىي 500 مىليون ياۋرو قىممىتىدە خەلق پۇلى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى توپلىدۇق، دېدى. بۇ ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ خەلق پۇلىنى تۇنجى قېتىم تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا كىرگۈزۈشى بولۇپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ 16-ئىيۇن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 66 مىليارد 118 مىليون ياۋروغا يەتكەن. سانلىق مەلۇماتلارنى نىسبەتلەشتۈرسەك، خەلق پۇلى زاپىسى پەقەتلا بۇنىڭ %0.76تىنى ئىگىلەيدۇ.

  جۇڭگو دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، چەتئەل مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ قولىدىكى جۇڭگو ئاھالىلىرىگە قارىتىلغان خەلق پۇلى مۈلكى تەخمىنەن 563 مىليارد 500 مىليون يۈەن يەنى تەخمىنەن 72 مىليارد ياۋرو ئىكەن، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ 500 مىليون قىممىتىدىكى خەلق پۇلى مۈلكى ناھايىتى ئاز ھېسابلىنىدۇ.

  داگۇڭ مەبلەغ ۋە ئىناۋەت باھالاش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ گۇاڭيۈ مۇنداق دېدى: ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ خەلق پۇلىغا مەبلەغ سېلىش نىسبىتى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ ئەمما دەرھال مۇھىم ئىقتىسادىي تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بۇنىڭ نامايەندىلىك ئەھمىيىتى چوڭ. جۇڭگو-ياۋروپا سودىسى ۋە پۇل-مۇئامىلە ئالاقىسىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىغا نىسبەتەن بۇ زۆرۈر تەدبىر بولۇپ قالدى.

  ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ: ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ خەلق پۇلى مۈلۈكى سېتىۋېلىشى ياۋروپانىڭ جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئىقتىساد جەھەتتە چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى كۈنسېرى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارزۇسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى.

  خەلق پۇلىنى تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا كىرگۈزۈش ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىساد تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئېشىشنى ساقلىيالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى دىراگى 4-ئايدا: جۇڭگو ئىقتىسادى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، دېگەن ئىدى. ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى كول يېقىندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى قىزىقىدىغان ئاساسلىق رايون، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى بار، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرالايدۇ، مەن خەۋپ ياكى ئەندىشە ھېس قىلمىدىم.

  ئۇ يەنە: ھازىر جۇڭگو كارخانا قەرزى، تەلەپنى قوزغىتىش، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىساد تىپىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق بىر قاتار ئۇزاق مەزگىللىك خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ياخشى باشلامچىلىق قىلىۋاتىدۇ، دېدى.

  بەزى تەھلىلدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياۋروپا بانكىسى خەلق پۇلىنى تاشقى پېرىۋوت زاپىسىغا كىرگۈزۈپ خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش مۇساپىسىنى قوللايدۇ.

  يەر شارى بانكىلار ئارا پۇل مۇئامىلە ئالاقە جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2017-يىلىدىن ئاپرېلغىچە خەلق پۇلىنىڭ يەرشارى چىقىمىدىكى نىسبىتى 1.6 پىرسەنت بولۇپ، شىۋېيتسارىيە فىرانكى بىلەن يەرشارىدىكى ئالتىنچى چوڭ پۇل قاتارىدا تۇرغان.

  خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ باردى كەلدىسى كۆپەيدى. بىر تەرەپتىن چەتئەل خەلق پۇلى تىجارىتى لوندون، فىرانكفورت، لۇكسىمبۇرگ قاتارلىق ياۋروپا پۇل مۇئامىلە مەركەزلىرىدە مۇقىم تەرەققىي قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگو خەلق بانكىسى بىلەن ياۋروپا مەركىزى بانكىسى پۇللىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە زىچ ھەمكارلاشتى. 2013-يىلى ئۆكتەبىردە جۇڭگو خەلق بانكىسى بىلەن ياۋروپا مەركىزى بانكىسى 350 مىليارد يۈەن 45مىليارد ياۋرو كېلىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا ئىككى تەرەپنىڭ پۇللىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى. 2016-يىلى سېنتەبىردە ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ پۇللىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى 2019-يىلى 8-ئۆكتەبىرگىچە ئۈچ يىل ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كۆلىمى ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ 2015-يىلى ئاپرېل ۋە نويابىر ئىككى قېتىم ئىككى تەرەپنىڭ پۇللىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشنى سىناق قىلغان.

  ۋۇ گۇاڭيۈ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىغا سېلىشتۇرغاندا، خەلق پۇلى مۈلۈكىنىڭ يەرشارىدىكى مەركىزى بانكىلاردا سېتىۋېلىنىش كۆلىمى يەنىلا كىچىك. گەرچە خەلق پۇلى خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى رامكىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، يەرشارىدىكى ئاساسلىق زاپاس پۇلغا ئايلىنىشىدا ۋەزىپە ئېغىر مەنزىل يىراق، جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرى، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىسلاھادلارنى ئېلىپ بېرىشقا، خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەلق پۇلىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  جۇڭگو بانكىسى فىرانكىفورت شۆبىسى يەرشارى بازىرى تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ سىخەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندىن بۇيان جۇڭگونىڭ نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ چەتئەل مەركىزى بانكىلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئارقىلىق زايوم بازىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى تەدرىجىي قويۇۋېتىشىگە ئەگىشىپ، چەتئەل مەركىزى بانكىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خەلق پۇلى مۈلۈكىنى تەقسىملەش قىزغىنلىقى كۈچىيىدۇ. خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بولغان پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇقىم ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، بازارنىڭ خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى چۈشىدۇ دېگەن مۆلچىرىدە ئۆزگىرىش بولدى. مۆلچەرلىنىشىچە، نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە رايونلاردىكى مەركىزى بانكىلار خەلق پۇلىنى زاپاس مۈلۈك قىلىشى، خەلق پۇلىنىڭ يەرشارى تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىكى نىسبىتى تەدرىجىي ئۆسۈشى، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىش مۇساپىسىمۇ تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلۈشى مۇمكىن.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر