باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قاتار ئەمرى-تامىم

2017.06.19 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئوتتۇرا شەرقتىكى كىچىك دۆلەت قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، بۇ دۆلەتنىڭ ئەمرى شەيىخ تامىم. بىن. خاماد ئالسانى بۇنىڭ بىلەن قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

  تامىم ناھايىتى ياش چېغىدىلا پادىشاھلىق ئورنىغا چىققان. ئۇ پادىشاھ ۋارىسى بولغان مەزگىلدە كىچىك دۆلەت چوڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشتەك يارقىن نەتىجىنى ياراتقان، تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئەرەب دۇنياسىدىكى «داۋالغۇش»تىن پايدىلىنىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دىپلوماتىيەسىنى ناھايىتى ياخشى باشقۇرغان.

  بۇ قېتىم ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ مىسلىسىز بېسىمى ئالدىدا، تامىم ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ، توساتتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالامدۇ-يوق؟

  ئالسانى جەمەتى قاتارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانقىنىغا 100 يىلدىن ئاشتى. 1980-يىلى تۇغۇلغان تامىم خامادنىڭ 4-ئوغلى، ئۇنىڭ ئانىسى خامادنىڭ ئىككىنچى خوتۇنى مۇرزا خانىش. تامىم دەسلەپتە پادىشاھ ۋارىسى ئەمەس ئىدى، 33 ياشقا كىرگەندە پادىشاھ ۋارىسى بولۇپ، ئەرەب ئەللىرى ئارىسىدا يېشى ئەڭ كىچىك دۆلەت باشلىقى بولۇشتەك رېكورتنى ياراتقان.

  تامىم 2003-يىلى 5-ئاۋغۇست پادىشاھ ۋارىسى بولغان، ئۇنىڭ پادىشاھ ۋارىسىلىق ئورنىنى ئۇنىڭ ئاكىسى قاسىم ئۆتۈنۈپ بەرگەن.

  2013-يىلى 25-ئىيۇن، ئەينى چاغدىكى ئەمىر خاماد تېلېۋىزىيەدە سۆز قىلىپ، پادىشاھلىق ئورنىنى تامىمغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ھەمدە بۇنىڭ دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. پۈتكۈل ئەرەب دۇنياسى بۇنىڭدىن زىلزىلىگە كەلگەن، چۈنكى پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر تارىخىدا پادىشاھلىق ئورنىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش مىسالى تېخى يوق ئىدى. قاتار ئاھالىسى خامادنىڭ تېنى ساپمۇساق ئەھۋالدا پادىشاھلىق ئورنىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن ھەيران قالغان.

  شۇ يىل تامىم 33 ياش بولۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئەڭ ياش- يەنى 80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان رەھبەر بولۇپ قالغان.

  سابىق ئەمىر خامادنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان خانىشى مۇرزانىڭ ئوغلى بولغا تامىم ئانىسىغا تايىنىپ، 24 قېرىندىشى ئىچىدە ئاتىسىنىڭ ئالاھىدە ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن. تامىم كىچىكىدىن تارتىپ ئەنگلىيەدە ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپنى ئەنگلىيە سانخارست خانلىق ھەربىي ئىىنتىتۇتىدا ئوقۇپ، 1998-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن.

  تامىم پادىشاھ ۋارىسى بولغان مەزگىلدە، چوڭ ھوقۇق ئاتىسىنىڭ قولىدا بولسىمۇ، لېكىن ئۇ چامىسىنىڭ يېتىشىچە قەتئىي جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، خېلى نەتىجە ھاسىل قىلغان.

  تامىم ھەم ئەرەب مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى پىششىق بىلىدۇ، ھەم زامانىۋى تەربىيە كۆرگەن. قاتارلىقلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ياش ئەمىر كىچىكىدىن تارتىپ تىرىشچان ۋە غايىلىك، ھەم ئىقتىسادقا، ھەم ھەربىي ئىشلارغا پىششىق، يەنە كېلىپ ناھايىتى خەلقچىل، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ياخشى ماھىر.

  تامىم پادىشاھ ۋارىسى بولغاندىن كېيىن ئانىسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش تەدبىرىنى پائال قوللاپ كەلگەن. مەسىلەن، مۇرزا خانىش رەئىسلىكىنى ئۆتىگەن قاتار مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن تەرەققىيات فوندى 1997-يىلى دوھانىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدا مائارىپ شەھەرچىسى قۇرۇپ، دۇنيادىكى داڭىق ئالىي مەكتەپلەرنى بۇ يەرگە جەلپ قىلغان. مائارىپ شەھەرچىسىدىكى كۆپلىگەن چەتئەل مەكتىپى تامىم 2003-يىلى پادىشاھ ۋارىسى بولغاندىن كېيىن بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان، بۇ قاتارنىڭ مائارىپنى ئىجابىي رول ئوينىغان.

  تامىم پادىشاھ ۋارىسى بولغان مەزگىلدە يەنە نۇرغۇن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغىنى-قاتار ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسى. تامىم مۇشۇ ئىككى ۋەزىپىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، قاتارنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ مۆجىزە يارىتىپ، بۇ كىچىك دۆلەتنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغان.

  تامىم قاتارغا رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان بىرىنچى تەنتەربىيە مۆجىزىسى-2006-يىلى دوھا ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن. قاتار كىچىك، ئاھالىسىمۇ ئاز، 11 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىندا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس تەخمىنەن 2 مىليون 200 مىڭ، بۇنىڭ %85 چەتئەللىكلەر. قاتار ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە بۇ مۇسابىقىنى ناھايىتى قالتىس ئۆتكۈزگەن، بۇنى ئەينى چاغدا ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان تامىمنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ يەنە ھازىرغىچە ئەرەب ئەللىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىردىنبىر ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى.

  يەنە بىر تېخىمۇ چوڭ مۆجىزە-قاتار 2022-يىللىق دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. 2009-يىلى 1-ئايدا، قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. شۇ چاغدا بەزىلەر: مۇشۇنداق كىچىك دۆلەتنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلىي يەتمەيدۇ، دېيىشكەن. لېكىن تامىمنىڭ رەھبەرلىكىدە ئويلىمىغان يەردىن مۆجىزە يۈز بەردى. قاتار ئاخىرى ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، كورېيە، ئامېرىكىدىن ئىبارەت كۈچلۈك رەقىبلىرىنى يېڭىپ، 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، تارىختا دۆلەت زېمىنى ئەڭ كىچىك تۇرۇپ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان دۆلەت بولۇپ قالدى.

  تامىم تەختكە ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ئاساسلىقى ئادىمىيەت ساھەسىدە پائالىيەت قىلىپ كەلگەن، بىراق سىياسىي جەھەتتە ئۇنىڭ ئۆزگىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلى بار. ئاتىسى خاماد پادىشاھلىق ئورنىنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى جاكارلاپ ئىككىنچى كۈنى كابىنېتنى قايتىدىن تەشكىللەيدىغاننى جاكارلىغان. گەرچە ئۇ ئاتىسى بىلەن ئوخشاش ئىچكى-تاشقى سىياسەتنى داۋاملىق يولغا قويىمەن دېگەن بولسىمۇ، بىراق يەنە بىر قانچە چوڭ تەدبىرنى جاكارلىغان: ئىلگىرىكى «سىرتقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى قىسىمغا سەل قاراش» ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، زېھنىنى ئىچكى قۇرۇلۇشقا قاراتقان؛ ئىقتىسادنى تەدرىجىي كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى زىيادە ئېكسپورت قىلىشقا تايىنىشتەك نوقۇل ئەندىزىنى ئۆزگەرتكەن؛ جۇڭگونى ئۆزئىچىگە ئالغان شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، غەربنى بەك ئەتىۋارلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئۆرگەرتكەن.

  خاماد تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، قاتار رايون ۋە خەلقئارا ئىشلارغا ئاكتىپ قاتناشقان. قاتار خان جەمەتى مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان «يېرىم ئارال» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەسىرى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ، قاتارنى خەلقئارادا سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتۈرگەن. بىراق بۇ ئۇسۇل قاتارغا نۇرغۇن دۈشمەن پەيدا قىلدى، بەزى ئەرەب ئەللىرى قاتارنى ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتى دەپ ئەيىبلىدى، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر قاتار مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىغا مەبلەغ ياردەم بەردى، دەپ قارىدى.

  تامىم تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، سىرتتىكىلەر: ئۇ دادىسىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تەڭشىشى مۇمكىن دەپ قارىغان. ئەمما ئۇ پوزىتسىيە جەھەتتە ئىللىقراق بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتمەي، «كىچىك دۆلەتنىڭ چوڭ دىپلوماتىيەسى» يولىدا مېڭىۋەردى. بۇ دۆلەتنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاۋارىچىلىكلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى.

  بۇ قېتىمقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش دولقۇنىنىڭ پىلتىسى-يېقىندا قاتار تاراتقۇلىرىدا پەيدا بولغان تامىمنىڭ ئىران بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ھەققىدىكى سۆزى. گەرچە قاتار ھۆكۈمىتى سۆزنىڭ مەزمۇنىنى تاراتقۇلارنىڭ تور بېكىتىگە تاجاۋۇز قىلغان خاككېرلار ئويدۇرۇپ چىقارغان دېگەن بولسىمۇ، ئىراننى كونا دۈشمىنى قاراپ كېلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈردى.

  بۇ قېتىم قاتار ئۇچرىغان زەربە 2014-يىلى باش ئەلچىلەرنى قايتۇرۇپ كېتىش دولقۇنىدىكى زەربىدىنمۇ ئېغىر بولدى. تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش لاگېرىغا قوشۇلدى، قاتارمۇ تېخىمۇ قاتتىق جازاغا ئۇچرىدى، ھەتتا دۆلەت ئىچىدە يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تالىشىپ سېتىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.

  قاتار مۇشۇنداق بېسىم ئالدىدا، بىر تەرەپتىن سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەمدە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ئارقىلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىمىزگە قول تىقماقچى دەپ ئەيىبلەپ، «بىز تىز پۈكمەيمىز» دەپ داۋراڭ سالدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ياراشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ قاتاردا تۇرۇۋاتقان پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەيمىز، دېدى. بۇ قاتارنىڭ 2014-يىلىدىكى باش ئەلچىلەرنى قايتۇرۇپ كېتىش دولقۇنىغا تۇرقان مەيدانى بىلەن ئوخشاش.

  «دىپلوماتىيە دولقۇنى»غا پېتىپ قالغان ياش ئەمىر تامىم سىياسىي ئەقىل-پاراسىتىنى سىنايدىغان ئەڭ چوڭ سىناققا دۇچ كەلمەكتە.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر