- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش يەنىلا تەس بولدى
2017.06.01 15:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
25-مايدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تارىخىدا ئادەتتىكىدەك بولمىغان بىر يىغىن بولدى. ئىلگىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى» دەپ تەنقىد قىلىپ كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشتى. يىغىن مەسئۇلىيەتنى تەقسىم قىلىش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى تېمىغا مەركەزلەشتى. ئەمما جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: باشلىقلار يىغىنىدا زور ھەل قىلغۇچ تەدبىر ھاسىل قىلىنمايدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەھمىيىتى ئامېرىكا ياۋروپا رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە.
ترامپ سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە ۋە تەختكە چىققاندىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى» دېگەن گەپ سۆزلەرنى كۆپ قېتىم قىلىپ، سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن ھەربىي ئىشلار گۇرۇھىنىڭ قىممىتىگە قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىدا «قولاي ماشىنىغا چىقىپلا» قالماستىن، يەنە يېڭى ۋەزىيەتتە تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرالمىدى دەپ قارىدى. ترامپنىڭ بۇ خىل ئامېرىكا ياۋروپا ھەربىي ئىشلار ئىتتىپاقىغا قارىتا گۇمانى ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەندىشىگە سالدى.
سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشىدىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىدى، ئامېرىكىنىڭ چىقارغان مەبلىغى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي خىراجەت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %70 نى ئىگىلىدى. غەربتىكى دۆلەتلەردە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېررورلۇق ھۇجۇمى كۆپ يۈز بەردى، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ناچارلاشتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يەر شارىلىق قېيىن مەسىلىگە ئايلاندى. ترامپ ھەربى خىراجەتنى تەكشى تەقسىم قىلماسلىق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يېتەرسىز بولۇشنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىككى نۇقسانى دەپ قاراپ، مۇشۇ جەھەتتىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئۆزگەرتىشكە بېسىم ئىشلەتتى.
ئەمەلىيەتتە، ترامپنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قارىتا كۆز قارىشى تەدرىجىي ئۆزگەرمەكتە. ترامپ ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى ئەنگلىيە، گېرمانىيەنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى؛ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تىللېرسون قاتارلىقلار ئاتلانتىك ئوكيان ئاتلىغان ئىتتىپاقداشلار مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىدە ئېغىشنى تۈزىتىش رولىنى ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ترامپ 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇنجى بولۇپ چەتئەل رەھبىرىدىن ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسسا ماي بىلەن كۆرۈشكەندىن بۇيان ئۆزى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، ئاتلانتىك ئوكيان ئاتلىغان ئىتتىپاقداشلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ» دېگەن ۋەدىنى بېرىپ، ئىتتىپاقداشلارنى خاتىرجەم قىلماقچى بولدى. 4-ئايدا ترامپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئۆزگەرتكەنلىكى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى» دەپ قارىمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلدۈردى.
ئەلۋەتتە، ترامپنىڭ بۇ خىل مەيدانىنى ئۆزگەرتىشى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشىگە ياخشى كەيپىيات يارىتىپ بەردى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا، ئامېرىكا قارالمىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپرەك قاتنىشىشنى تەلەپ قىلماقچى بولدى. بىراق، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى گۇمان ۋە ئەندىشە يەنىلا تۈگىمىدى. يىغىندا بۆسۈش خاراكتېرىلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش يەنىلا تەس.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر