باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندونېزىيە «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرماقتا

2017.06.01 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندونېزىيە مەبلەغ سېلىشنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس ۋانبون يېقىندا جاكارتادا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھىندونېزىيە «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىساد تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، دېدى.

  توماس-ھىندونېزىيەنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، 2015-يىلدىن 2016-يىلغىچە ھىندونېزىيەنىڭ سودا مىنىستىرى بولغان. ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا، توماس ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جۇكۈغا ھەمراھ بولۇپ، جۇڭگونىڭ خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 24 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

  توماس مۇنداق دېدى: ھىندونېزىيە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاقىم ئارال دۆلىتى، شۇنداقلا دېڭىز يىپەك يولىدىكى چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان دۆلەت. ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرمەكتە، زۇڭتۇڭ جۇكۈنىڭ « يەر شارى دېڭىز-ئوكيان تىرىكى» تەسەۋۋۇرى ۋە جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان 21-ئەسىرىدىكى دېڭىز يىپەك يولى تەشەببۇسى يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ.

  توماس مۇنداق دېدى: ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىدىن قانداق پايدىلىنىپ، بىر ئىككى مۇشۇ تۈردىكى «جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» ھەر تەرەپلىمە ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادى رايونى قۇرۇشنى ئويلىماقتا ۋە پىلانلىماقتا. ئىقتىسادى رايون ئىچىدە پىرىستان، ئايرودۇرۇم، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، تۆمۈر يول،ئېلېكتىر قۇۋۋىتى، ئوپتىك تالالىق يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى.

  توماس ھىندونېزىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى سودا ھەمكارلىقىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ھىندونېزىيەگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغىنىڭ تېز ئېشىۋاتقانلىقىنى ماختىدى.

  مەلۇماتقا قارىغاندا، جۇڭگو ئۇدا كۆپ يىل ھىندونېزىيەنىڭ 1-چوڭ سودا شېرىكى ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن، 2016-يىلى ھىندونېزىيەنىڭ 9-چوڭ مەبلەغ سېلىش مەنبەيىدىن 3-چوڭ مەبلەغ سېلىش مەنبىيىگە ئايلاندى، شۇ يىلى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ھىندونېزىيەگە ساياھەتكە بارغان ساياھەتچى بىر مىليون 430مىڭغا يېتىپ، ھىندونېزىيەنىڭ 1-چوڭ ساياھەت مەنبە دۆلىتىگە ئايلاندى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھىندونېزىيەگە مەبلەغ سېلىشى ئاساسلىقى كانچىلىق مېتال تاۋلاش ۋە كان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىگە مەركەزلەشتى. جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشى ھىندونېزىيەنىڭ مالىيە كىرىمىنى ئاشۇردى، ھىندونېزىيە جۇڭگونىڭ داۋاملىق مەبلەغ سېلىشىنى كۈتمەكتە.

  توماس جۇڭگونىڭ ساياھەتچىلىك ساھەسىدىن كەلگەن مەبلەغ سېلىشقا ئوخشاشلا ناھايىتى ئىنتىزار بولماقتا. ئۇ مۇنداق دېدى: ھىندونېزىيەنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، ئەمما ئېچىش كەمچىل. زۇڭتۇڭ جۇكۇ ھىندونېزىيەنىڭ ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بەرمەكتە. جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ ساياھەت بايلىقىنى پائال ئېچىپ، ھىندونېزىيەنىڭ ساياھەت ئاساسى ئەسلىھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  توماس مۇنداق دېدى: تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش، جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارغا ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى داۋاملىق كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، سودىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان نامۇۋاپىق بەلگىلىمىلەرنى بىكار قىلىپ، خىيانەتچىلىكنى تۈگىتىپ، مەبلەغ سېلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرىدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر