- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بوسىنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى: «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلدى
2017.05.08 14:21 مەنبە: خەلق تورى
بوسىنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كېرناداك 5-ماي شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ يازما زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى يول بويىدىكى دۆلەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدۇ ھەمدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ بىر ئۇلۇغ ئىش. بۇ تەشەببۇس بوسىنىيە-گېرتسېگوۋىنا بىلەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا يېڭى پۇرسەت ئاتا قىلدى.
كېرناداك پات ئارىدا جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بوسىنىيە-گېرتسېگوۋىنا «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول» رامكىسى ئاستىدىكى تۈرلۈك ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىدۇ.
كېرناداك مۇنداق دېدى: بوسىنىيە-گېرتسېگوۋىنا بىلەن جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بوسىنىيە-گېرتسېگوۋىنا «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ بوسىنىيە-گېرتسېگوۋىناغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر