باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن سۆزلىشىشكە ئوبدان تەييارلىق قىلىپ قويدى

2017.05.08 14:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  موسكۋا ۋاقتى 7-ماي رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن بولغان سۆزلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسا، رۇسىيە بۇنىڭغا ئوبدان تەييارلىق قىلىپ قويدى، دېدى.

  لاۋروف شۇ كۈنى موسكۋادا چەتئەللەرگە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇندىن بۇرۇن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنانى ئۆزلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە ھەمدە تەشكىلاتقا كىرگۈزمەكچى بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىرىمدىن پايدىلىنىپ ھەربىي جەھەتتە رۇسىيەنى قورشىماقچى بولغان ئىدى، لېكىن بۇ پىلانلىرى مەغلۇپ بولدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن سۆزلىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، رۇسىيەمۇ بۇنىڭغا ئوبدان تەييارلىق قىلىپ قويدى. لېكىن رۇسىيە قارىشى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە باراۋەر ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئۇلار بىلەن سۆزلىشىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ئەمەس، ئورتاق قوبۇل قىلالايدىغان مەسىلىلەرنىلا مۇزاكىرە قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر