- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چاۋشيەن يەنە بىر ئامېرىكىلىق ئەرنى قولغا ئالغان
2017.05.08 14:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 7-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن 6-ماي چاۋشيەن بىلەن دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى دەپ گۇمان قىلىنغان بىر ئامېرىكىلىق ئەرنى قولغا ئالغان. بۇ يېقىندا چاۋشيەن قولغا ئالغان ئامېرىكىلىق 2-ئەر.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: قولغا ئېلىنغان ئەرنىڭ ئىسمى كىم شوسۇڭ بولۇپ، ئىلگىرى پىيۇڭياڭ پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلغان، چاۋشيەن بىلەن دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى دەپ گۇمان قىلىنغانلىقتىن 6-ماي چاۋشيەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان. ئالاقىدار ئورگانلار كىم شوسۇڭنىڭ جىنايى ھەرىكىتىنى كونكرېت تەكشۈرمەكتە ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر