باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى--

ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرىۋېتىشىگە قارشى تۇرىمىز

2017.05.04 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى كورېيەدە يادرو بومبىسى ئېتىش مانېۋىرى ئېلىپ باردى، دېگەن خەۋەرگە ئاساسەن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 3- ماي مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىغا قارشى تۇرىدۇ.

  شۇ كۈندىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىغان: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىككى دانە B-1B تىپلىق ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى 1- ماي گۇئام ئارىلىدىكى ئامېرىكا بازىسىدىن ئۇچۇپ چىققان، ھەمدە شۇ كۈنى چۈشتە ئۇ ئايروپىلانلار كورېيەنىڭ شەرقىي دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىپ، كورېيە ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. چاۋشيەن تەرەپ بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى چاۋشيەنگە قارىتىلغان ئاساسلىق نىشانغا يادرو بومبىسى ئېتىش مانېۋىرى ئېلىپ باردى. ئۇلارنىڭ، ئىشنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشلىرى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى ئۇرۇش گېردابىغا قارىتىپ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سىلجىتتى، دېگەن. سىلەر جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىلەر؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھەربىي مانېۋىرنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە يېرىم ئارالنىڭ ۋەزىيىتى يۈكسەك سەزگۈر ۋە مۇرەككەپ بولماقتا، جۇڭگو تەرەپ ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىغا قارشى تۇرىدۇ.

  نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە شۇكى، ۋەزىيەتنىڭ بالدۇرراق پەسىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆھبەت ۋە كېڭىشىشنى قايتا قوزغىتىش. جۇڭگو تەرەپ يەنە بىر قېتىم ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تۇتىۋېلىپ، ئۆزئارا غىدىقلاشلىرىنى توختىشىشىغا، ھەرقايسى تەرەپلەر ئۇچرىشىش ۋە سۆزلىشىش مۇھىتى يارىتىپ، قايتا سۆھبەتلىشىشنى ئىمكانقەدەر تېزرەك توغرا رېلىسقا قايتۇرۇپ كېلىشىشكە تىرىشىشىغا دەۋەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر